ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

لوپ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرمەمەت مەخمۇت، ئانارگۈل نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشنى چۆرىدەپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇردى.

    بۇ ناھىيە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئۆسۈملۈك ئاسراش قۇرۇلۇشى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى، تۇپراقنى ئاسراش، ئورگانىك ئوغۇت، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق پۈتۈن مۇساپىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. ‹‹باغ – ئورمان پەرۋىشى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سورتلۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈش، ئەلا سورتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە نەسىل ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ناھىيەدىكى دېھقانچىلىق تارماقلىرى ئەلا سورت قۇرۇلۇشىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېڭى سورت كىرگۈزۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش جەريانىغا نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىدا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى%95 تىن كۆپرەككە يەتكۈزدى.

    ئورمانچىلىق تارماقلىرى باغ – ئورمانچىلىق ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈش، چاتاش، مېۋىسىگە كاپالەتلىك قىلىش تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىپ، مېۋە ئۈزۈش، دەرىجىگە ئايرىش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، ساقلاش، ئوراش، قاچىلاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈردى؛ چارۋىچىلىق تارماقلىرى كالا، قوي ۋە ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىلىرىنى كۆپلەپ قۇردى. نەتىجىدە يىل بېشىدىن 11 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5512 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.2 15 ئاشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى