ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

    مۇخبىرىمىز چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ بەش تۈرلۈك مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر.

    ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايون ئوخشىمىغان داۋالىنىش مۇلازىمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتىدە ئاساسلىقى كېسەل تۈرى ۋە كېسەل دىياگنوزىنى ئالاقىدار گۇرۇپپىغا ئايرىپ ھەق تۆلەشكە، ئۇزاق مەزگىللىك، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتىدە كارىۋات ۋە كۈن سانىغا قاراپ ھەق تۆلەشكە بولىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتىدە كىشى بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەشكە، كىشى بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەشنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە بولىدۇ؛ چېتىپ ھەق تۆلەشكە ماس كەلمەيدىغان مۇرەككەپ كېسەل ۋە ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى تۈرلەرگە ئاساسەن تۆلەشكە بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىلىدۇ. كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تۆلەش نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ. دىياگنوز قويۇش – داۋالاش لايىھەسى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمى بىر قەدەر ئېنىق، دىياگنوز قويۇش – داۋالاش تېخنىكىسى بىر قەدەر پىشقان كېسەللەردە كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تۆلىنىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ھەق تۆلەش ئۆلچىمى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ، ماس كېلىدىغان تېخنىكىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، داۋالىنىش ھەققى تېجىلىدۇ. كېسەل دىياگنوزىنى ئالاقىدار گۇرۇپپىغا ئايرىپ ھەق تۆلەش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. ئۆرنەك قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تۈجۈپىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى تېز ئۆستۈرۈلۈپ، كېسەل دىياگنوزىنى ئالاقىدار گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇسۇلى ئەمەلىي ھەق تۆلەشتە قوللىنىلىدۇ ھەم تەتبىقلاش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. كىشى بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەش، كارىۋات ۋە كۈن سانىغا قاراپ ھەق تۆلەش قاتارلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ئەندىزىسى ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاساس قىلىنىپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەشتە كىشى بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەش يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەلا داۋالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى داۋالاش ھەققىنى كونترول قىلىشتىن داۋالاش ھەققى ۋە داۋالاش سۈپىتىنى كونترول قىلىشقا يۈزلەندۈرۈلىدۇ.

    ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە: جايلار تۈرى بويىچە ھەق تۆلىنىدىغان كېسەل تۈرىنى 100دىن كەم قىلماسلىقى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى. 2020 – يىلىغىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى تولۇق قاپلايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى