ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

«ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋاڭ جيېچە ياخشى جەڭچى بولايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    - رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق ليەننى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدا

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشتەك روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

    ھەربىي تەلىم- تەربىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ ئۇزاق يول يۈرۈپ، 12- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدىكى 71- جىتۈەنجۈننىڭ مەلۇم لۈيىگە كېلىپ، ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەننى كۆزدىن كەچۈردى.

    ۋاڭ جيې ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى. ئۇ ھاياتى بەدىلىگە ئەمەلدە كۆرسەتكەن جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھى زامان- ماكاندىن ھالقىپ، كۈنسېرى يېڭىلاندى.

    ليەندۈينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ۋاڭ جيېنىڭ مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ يېزىپ بەرگەن «جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» دېگەن بېغىشلىما كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

    شى جىنپىڭ «جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىيلەر جىگەرلىك بولۇشى كېرەك، جىگەرلىك بولۇشنىڭ ئۆزى جەڭگىۋار روھتۇر، ئۇنىڭ يادروسى جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىدا، مانېۋىر، مەشىق مەيدانلىرىدا، ئاساسىي قاتلامدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك. پارتىيە، دۆلەت، خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا، قىسىملاردا مۇشۇنداق جاسارەت، مۇشۇنداق روھ بولۇشى كېرەك.

    ليەندۈينىڭ شەرەپخانىسىدا ۋاڭ جيېنىڭ ھاياتى، ئىش- پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنغانىدى. شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى ھەم ئارىلاپ گەپ سورىدى. ئۇ ۋاڭ جيې قۇربان بولغاندا قالدۇرۇپ كەتكەن قانغا بويالغان كىيىم ۋە پۇچۇق قەلەم ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى توختىتىپ، ۋاڭ جيېنىڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان باتۇرانە ھەرىكىتىنى تەپسىلىي سوراپ ئىگىلىدى.

    1965- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى تانكىچى قىسىم مەلۇم قۇرۇلۇش 1- ليەنىنىڭ بەنجاڭى ۋاڭ جيې خەلق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز پارتلىتىش دورىسى پارتلاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. خەتەرلىك پەيتتە، ۋاڭ جيې ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئېتىلىپ بېرىپ پارتلاتقۇچنى قۇچاقلىۋېلىپ، 23 ياشلىق ھاياتىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە، نەق مەيداندىكى 12 خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق قوراللىق بۆلۈمى كادىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.

    شى جىنپىڭ تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىلا ۋاڭ جيېنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان، ئۇ قەلبىمدىكى قەھرىمان!

    ۋاڭ جيې ئەسكەرلىكتە تۇرغان تۆت يىلدا يازغان 100 مىڭ خەتلىك كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئەينەن خاتىرىلىگەنىدى ـــ

    «غايە دېگەن نېمە؟ ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى غايە. ئىستىقبال دېگەن نېمە؟ ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ئۆزى ئىستىقبال. بەخت دېگەن نېمە؟ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزى بەخت».

    «پارتىيە ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشتىنمۇ باش تارتمايمەن؛ پارتىيە ئۈچۈن كۈكۈم- تالقان بولۇپ كەتسەممۇ رازى».

    ...

    شى جىنپىڭ سەل ئېڭىشىپ، خاتىرىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن ۋاراقلىرىنى كۆرۈپ، ۋاڭ جيېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

    ليەندۈينىڭ سىياسىي كومىسسارى گاۋ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەڭچىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالى ۋاڭ جيېنىڭكىگە ئوخشاش مۇستەھكەم ئېتىقاد. بۈگۈن بىز «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولىمىز!

    روھ مەڭگۈ تاۋلىنىدۇ، قان- قېرىنداشلىق مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ليەندۈيدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، جەڭگىۋارلىق ئىستىلى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر قېتىم كوللېكتىپ 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 12 قېتىم كوللېكتىپ 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، «ئىككىدىن قورقماسلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ليەن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. قىسىمنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچلەرنى تەشكىللەش ئىسلاھاتىدا ليەندۈي قۇرۇلۇش ليەنىدىن تانكىچى پىيادە ئەسكەرلەر ليەنىگە ئۆزگەرتىلدى، ئۇلار تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي جەڭگاھتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشتى. بىر قاتار سۈرەتلەر، بۇيۇملار، لەۋھەلەر... ليەندۈيدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ قەھرىماننىڭ ئىزىنى بويلاپ، «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ دەلىلى.

    «ئەتە جەڭ مەيدانىغا چىقسام، قېرىندىشىمغا يازىدىغان بىر پارچە خەت»، «ئەتە جەڭ مەيدانىغا چىقسام، قېرىندىشىم ماڭا مۇنداق دەيدۇ»، «ئەتە جەڭ مەيدانىغا چىقسام، خەلقنىڭ قانداق تاپشۇرۇقى باردۇ؟»، «مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى»... ليەندۈينىڭ «ئۈچ خەت، بىر ئىلتىماس» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئەھۋالى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شى جىنپىڭ جەڭ پۇرىقى كۈچلۈك بۇ ھەرىكەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىگە قەھرىماننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى ياش كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ جىسمىدا ئەۋج ئالدۇرۇشنى تاپىلىدى.

    شى جىنپىڭ ليەندۈي شەرەپخانىسىدىن چىقىپ، «ۋاڭ جيې بەنى»گە كەلدى.

    ياتاقنىڭ تېمىدا ۋاڭ جيېنىڭ «جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماي، باتۇرلاردىن بولىمىز» دېگەن قەسىمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ۋاڭ جيېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كارىۋىتى ۋە ئۈستىلى شۇ پېتى ساقلانغانىدى.

    «ۋاڭ جيې بەنى»نىڭ بەنجاڭى ۋاڭ داماۋ رەئىس شى جىنپىڭغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ھاۋا سوۋۇپ قالدى، يوتقاننىڭ ئاياغ تەرىپىنى پۇتىمىزغا قىستۇرۇۋالىمىز... 52 يىلدىن بۇيان، «ۋاڭ جيې بەنى»نىڭ ھەر نۆۋەتلىك بەنجاڭلىرى ھەر كۈنى كەچتە پېشقەدەم بەنجاڭنىڭ ئورۇن- كۆرپىسىنى سېلىپ قويۇپ، سەھەردە يەنە رەتلىك يىغىپ قويۇۋاتىمىز، پېشقەدەم بەنجاڭ ئەزەلدىن سەپداشلىرىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. كۆپچىلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ھەم بىر خىل خاتىرىلەش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ھەم بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش.

    ۋاڭ جيېنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغان بۇ بەن «ئىدىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، ھەممەيلەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش، ھەممە ئىشتا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش»تەك بەن قۇرۇش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، قاتتىق سىناقلارغا ئۇزاققىچە ئومۇميۈزلۈك بەرداشلىق بەردى، يەنە «ئۆگىنىشكە، يېتىشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لۈيگە 200 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر بەنجاڭنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

    شى جىنپىڭ قەھرىماننىڭ روھىغا 52 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىنىپ، قەھرىماننى ھۆرمەتلەش، قەھرىماندىن ئۆگىنىشنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى ھەم باش لىڭشىتىپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

    شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆپچىلىككە: كېلىڭلار، ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى! دېدى. جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

    ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇڭلارمۇ؟ مەشىق ئەھۋالىڭلار قانداق؟ تۇرمۇشۇڭلار ياخشىمۇ؟... قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بۇ سۆزلەردىن باش قومانداننىڭ ئاساسىي قاتلامنى قەلبىگە پۈككەنلىكى، كوماندىر- جەڭچىلەرگە چەكسىز كۆيۈنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

    جەڭچىلەر بەس- بەستە كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلدى: يىقىلىپ قالمىساقلا، مەشىقنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز! ۋاڭ جيېنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەلەمگە ماھىر بولۇپ، ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولىمىز، مەشىقتە جاپادىن قورقماي، جەڭگاھتا ئۆلۈمدىن قورقماي، قەھرىمان كوللېكتىپقا يېڭى شەرەپ كەلتۈرىمىز.

    ياش جەڭچىلەرنىڭ چېھرىدىن جۇشقۇنلۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، قەتئىيلىك بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىدىن مەردانىلىك چىقىپ تۇراتتى، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيە ئۇرۇش قىلىشى، قىلغاندىمۇ راۋرۇس قىلىشى، جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى كېرەك. «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھى ئۆتمۈشتىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز. ئۇ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەڭگىۋارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە جەڭگىۋارلىق ئىستىلىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋاڭ جيېچە ياخشى جەڭچى بولۇشۇڭلار كېرەك.

    شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرۇقى جەڭچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، چەكسىز كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

    شى جىنپىڭ ليەندۈي ياتىقىدىن چىققاندا كەچ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ليەندىكى بارلىق كوماندىر- جەڭچىلەر بىلەن خۇشال ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    كۈچىيىۋاتقان سوغۇق كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇغان قىزغىنلىقنى سوۋۇتالمىدى. كۆپچىلىك ياڭراق ئاۋازدا ليەندۈي ناخشىسىنى ئېيتىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا يۈرەك ساداسىنى بىلدۈردى.

    «ۋاڭ جيېنىڭ مىلتىقى مۈرىمىزدە؛ ۋاڭ جيېنىڭ ناخشىسى قەلبىمىزدە. جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايمىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىنقىلاب قىلىمىز، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز»...

    جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى گازارما رايونىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

    بۇ ناخشىغا جەڭچىلەرنىڭ باش قوماندانغا بولغان چەكسىز ساداقىتى مۇجەسسەملەنگەن؛ بۇ ناخشىغا جەڭچىلەرنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇغۇرۇلغانىدى!

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جياڭسۇ شۈجۇ، 14-دېكابىر تېلېگراممىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى