ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېزدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. تارماقلار ۋە ئورۇنلار بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى (كۆچمەنلەر ئىدارىسى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قەتئىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تېزدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپا ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، ياچېيكا مەركەزلىك چوڭقۇر ئۆگىنىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بىر تۇتاش ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن تولۇق قاپلاشقا كۈچىدى. ھازىرغىچە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئۈچ قېتىم، كادىرلار يىغىنىدا مەركەزلىك ئۆگىنىشنى يەتتە قېتىم تەشكىللىدى، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى مەخسۇس تېمىدا بىر قېتىم پارتىيە دەرسى ئۆتتى، تۆت قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆگىنىشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىرات سۆزلەش ئارقىلىق 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە ئىستىلنى ياخشىلاپ، سالماقنى زورايتىپ، دادىل جەڭ قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېپيېڭى جەڭگىۋار قىياپەت، تىز پۈكمەس ئىشەنچ ۋە جاسارەت بىلەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا قاتتىق، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پۇقرالارنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى كۆللەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى.

    ئۆگىنىش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆللەك كەنتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىدەك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقانلار بىلەن ئورتاق ئۆگىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنى ئادەتتىكى ئاممىدىن پەرقلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى؛ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەگە ھەمدەم بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرگىز خەلق بىلەن مەنپەئەت تالاشماي، ئاۋۋال پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئويلاپ ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلىدى. كادىرلار دۇرۇس، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىي ئېنىق بولۇشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشنى تەكىتلىدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىنغا قاتناشقانلار بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقانداق بىر پارچە يېرىنى جۇڭگو زېمىنىدىن ئايرىۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز.

    (مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جىمىن)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى