ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ئارخېئولوگىيە خادىملىرى قۇمۇلدىكى بىر جايدا قەدىمكى ئۆي خارابىسىنى بايقىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24- كۈنى 03:46   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل شەھىرى غەربىي تاغ يېزىسىدىكى بىر جايدا خارابىلىكنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىش جاريانىدا، قەدىمكى ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر ئۆي خارابىسىنى بايقىغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدە ساپال پارچىلىرى ۋە بىر قىسىم كۆيدۈرۈلگەن ھايۋانات سۆڭەكلىرى بار ئىكەن.

    شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قەدىمكى ئارخېئولوگىيە بۆلۈمى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۆينى قېزىپ تازىلىغاندا، ئۆينىڭ سىرتىدا ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكى، ئۆي ئىچىدە ئىنتايىن ئۇششاق ساپال پارچىلىرى ۋە ئوتتا كۆيگەن ھايۋانات سۆڭەكلىرى قاتارلىقلار بايقالغان، لېكىن خارابىلىكنىڭ دەۋرىگە توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تېخى بايقالمىغان. قېزىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، خارابىلىككە يوشۇرۇنغان سىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىلغۇسى.

    بۇ قېتىم قېزىلغان خارابە دۆلەت يولى 575-لىنىيەسىنىڭ بارىكۆل-قۇمۇل تاشيولى لايىھەسىدىكى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، خارابىلىكنىڭ مۇھىملىقى تونۇپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، يېقىن ئەتراپتىكى يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش جىددىي توختىتىلدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى