خەلق پۇلىنىڭ ئورنى تېخىمۇ ئۆسىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ
«جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى يوغىنايدۇكى تاقالمايدۇ». ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جەھەتتە يېقىندا بىر مۇھىم خەۋەر تارقاتتى: مالىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو بىر ياكى بىر قانچە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاكسىيە، فوند باشقۇرۇش، زاكاز مال شىركىتىگە مەبلەغ سېلىش نىسبەت چەكلىمىسىنى %51كە كۆپەيتىش، شۇنداقلا ئۈچ يىل يولغا قويغاندىن كېيىن مەبلەغ سېلىش نىسبىتىنى چەكلىمەسلىكنى قارار قىلغان، بۇ ئاكسىيە ۋە فوند كەسپى ئىسلاھاتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جۈن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختىمىدى، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، تاشقى سودا، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئازايتىشتا چىڭ تۇردى. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن
ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولىمەن
خۇشاللىققا تولغان ھايۋاناتلار دۇنياسى
ياۋايى جانلىقلار فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
گۈل پەسلى
كۆركەم كۈنەس يايلىقى
كۈنەس ناھىيەسى جەنۇبىي تاغلىرىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلدى
بۈگۈنكى قەشقەر
باھار تىۋىشلىرى
قاردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى
شىنجاڭ ئىلى تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى شەمشاد ئورمىنىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان گۈزەل مەنزىرە سۈرەتلىرى
چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغىنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى
بەدىئىي سۈرەتلەر