ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

تۇرپاننىڭ قىش پەسىللىك ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17- كۈنى 02:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 15-نويابىر تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەبىئىي چوڭ ئوكسېگىنلىق، يېشىل ساياھەت تېمىسىدىكى 2017-يىللىق قىش، ئەتىيازلىق تۇرپان ساياھىتىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەر نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىل 15-نويابىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 20-ئاپرېلغىچە 14 لىنىيەدىكى بىرلەشمە مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى يېرىم باھا بولىدىكەن.

    14 لىنىيە ئاساسلىقى پويىز ئىستانسىسى مەخسۇس لىنىيەسى، بۇيلۇق، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ياكى يارغول قەدىمىي شەھىرى؛ بۇيلۇق، كارىز، يارغول، قەدىمىي قەبرىستانلىق، قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغچىسى، قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 14 لىنىيەدىن تەشكىللەنگەن مەھسۇلاتنىڭ ئەسلى باھاسى 280 يۈەندىن 370 يۈەنگىچە بولۇپ، ھەربىر لىنىيە بەشتىن يەتتىگىچە ساياھەت نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يېرىم باھا بولغاندىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسى 140 يۈەندىن 185 يۈەنگىچە بولغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ساياھەتچىلەر بۇيلۇق، كارىز، ئىدىقۇت، قەدىمىي قەبرىستانلىق، قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغچىسى، قۇمتاغ قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق لىنىيەلەرنى ساياھەت قىلىپ بولۇپ يەنە يالقۇنتاققا بارماقچى بولسا پەقەت سەككىز يۈەن قوشسىلا بولىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى