ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئون كىشىنىڭ ھاياتى يەنىلا خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتا

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 09- كۈنى 02:47   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىلىق ئاممىۋى خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 6-نويابىر مۇنداق دېدى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ سوسېرلاند سپرىڭىس شەھىرىدىكى چېركاۋدا يۇز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئون كىشىنىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا.

    تېكساس شىتاتلىك ئاممىۋى خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىلا كۆپىيىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشى، ئوققا تۇتقۇچىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئۆگەي ئانىسىغا تەھدىت سېلىپ خەت يوللىغان. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ ئائىلىنىڭ زىددىيىتى بىلەن ئوققا تۇتقۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرمەكتىكەن، تەكشۈرۈش بىر قانچە كۈن داۋاملىشىش مۇمكىنكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوققا تۇتۇش دېلوسى ئىرقى سەۋەب بىلەن چېتىشلىقى يوق.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى