ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى ى داناڭدا ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 09- كۈنى 02:40   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى ۋىيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھىرى داناڭدا ئېچىلدى.

    يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىپىرلىق دەۋردىكى ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى بىلەن يېڭىلىق يارىتىشىغا ھەمدە يېمەكلىك بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

    يىغىن مەزگىلىدە، سۇدا سانائەتچىلەر مەسلىھەت بېرىش كېڭىشىنىڭ يىغىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنى، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، سۇدان سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى 10-،11-نويابىر ئېچىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى