ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئېلان قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:29   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 28 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

    مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يېقىندا ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى.

    ‹‹پىكىر››دە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك مېخانىزمى، تۈر ھەمتۈرتكە مېخانىزمى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ۋە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن تارتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە بىر قاتار تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېزدىن تۈزۈپ بېكىتىش، ئەتراپتىكى ۋە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە سىياسەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن تارتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، خەلقئارا سودا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدە تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن تارتىپ، 2017 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە ئىشلىنىدىغان 28 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق چوڭ يول قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ‹‹بوشلۇق كارىدورى›› بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئۇچۇر يولى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا ئالاقە تۈگۈنى ۋە ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئېنېرگىيە يولى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    خەلقئارا سودا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، خەلقئارا ئوبوروت غول لىنىيە تورىنى قۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بوشلۇق ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، خەلقئارا يول تىرانسپورت سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

    ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېخنىكا ئاساسى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پورتلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو(شىنجاڭ)نىڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، سېلىنما، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇنلاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان تىجارەت مۇھىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

    ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش جەھەتتە، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، پۇل مۇئامىلىدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپا قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودا كارخانىلىرىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپى پائال كېڭەيتىلىدۇ.

    ‹‹پىكىر››دە يەنە تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل ئورۇنلار ھەم كونكرېت ئىش تەقسىماتى ۋە ئورۇنداش مۆھلىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدەك تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى