ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

بەيزۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 06- كۈنى 03:48   |    ئاپتور :

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتى

    بەيزۇلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى مىللەتلەر ئىچىدە بىرقاتار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىي مىراس ۋە ئەنئەنىۋى ئويۇنلارغا باي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز قىسمى گۈيجۇ، سىچۈەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بەيزۇ تىلى خەنزۇ- زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ زاڭزۇ- بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ، يېزىقى يوق. بەيزۇلار ئىشلەپچىقىرىشتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. شالنى كۆپ تېرىيدۇ. گۈرۈچتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. چاي تۈرلىرىمۇ بىرقەدەر كۆپ. مېھمان كەلگەندە ئالدى بىلەن مېھمانغا چاي تۇتۇش تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي ھېسابلىنىدۇ. بەيزۇلارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئومۇمەن ئەرلەر ئاددىيراق كىيىنىدۇ. قارا، كۆك ۋە ئاق رەختلەردىن چوڭ پەشلىك چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، بېشىغا شۇ خىل رەختلەردىن تەييارلانغان ئورام ياغلىق چىگىدۇ. بەيزۇ ئاياللىرى سىدام كۆڭلەك كىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل رەڭلىك جىلىتكە (يەڭسىز ھەم ياقىسىز كالتە چاپان) كىيىشكە ۋە پەرتۇق تارتىشقا، شۇنداقلا رەڭگارەڭ چۇچىلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان باش كىيىم كىيىشكە ئامراق.

    بەيزۇلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي كېلىدۇ. بەيزۇ خەلقىنىڭ مىللىي ئېپوسىدىن «ئەلمىساق» قوشاقلىرى، داستانلىرىدىن «قارا قىز»، «شگوتا» قاتارلىق قىممەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت مىراسلىرى ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىممەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت مىراسلىرىدىن بەيزۇلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، قەھرىمانلىق ئىش- پائالىيەتلىرى، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت ۋە ياشاش جەريانىدا ياراتقان شانلىق نەمۇنىلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    بەيزۇلارنىڭ گۈل تەشتەكتىن ئاتلاش، «باۋاڭ قامچىسى» (باتۇرلۇق قامچىسى)، «مارت بازىرى» قاتارلىق مىللىي تەنھەرىكەت ئويۇنى ۋە مۇسابىقىلىرى بار. «باۋاڭ قامچىسى» كۆپىنچە بامبۇك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ. بەش بوغۇم بولىدۇ. ھەر بىر بوغۇمىغا ئۈچتىن بەشكىچە يارماق ئېسىلىدۇ. ھېيت- بايرام كۈنلىرى كىشىلەر يۇمىلاق سورۇن ھاسىل قىلىپ، سۇناي ۋە جاڭ- دۇمباقلار ساداسى ئىچىدە «باۋاڭ قامچىسى»نى ئۇرۇشۇپ، تۈرلۈك جانبازلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوينايدۇ. قامچا مۈرە، دۈمبە، يوتىلارغا توختىماي ئۇرۇلغاندا، يېقىملىق ئاۋاز چىقىدۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق ھەم رىتىملىق بولىدۇ. «مارت بازىرى» ئويۇنى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى باشلىنىپ، دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ساڭشەن تېغى ئېتىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى 5 كۈندىن 7 كۈنگىچە بولىدۇ. جاي- جايلاردىن كەلگەن بەيزۇلار بۇ يەرگە جەم بولىدۇ. بازار مەزگىلىدە تاڭ سۈزۈلۈش بىلەنلا، چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئات- ئۇلاغلار كىشنەپ، ئادەملەر سەلدەك ئاقىدۇ. رەڭگارەڭ تۇغ ۋە پىلاكاتلار ئېسىلىدۇ. چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ ھۆسنىگە تولغان بەيزۇ قىزلىرى بازارغا ئاۋاتلىق ۋە گۈزەل لاتاپەت بەخش ئېتىدۇ. كۈلكە- چاقچاق سادالىرى، مۇزىكا ۋە ناخشا سادالىرى قاينام- تاشقىنلىق كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. بازار مەزگىلىدە ناخشا- ئۇسسۇل، لەپەر- قوشاق، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر كىشىلەردە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. بۇلاردىن قالسا بەيزۇلارنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام، يېزۇ، بەيزۇ، ۋازۇ، پۇمى، لاخۇ ۋە لىسۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان، بولۇپمۇ يېزۇلاردىن بەيزۇلارغا ئۆزلەشكەن «مەشئەل بايرىمى» دۇر. «مەشئەل بايرىمى» يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغان بايرام بولۇپ، ئادەتتە قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 6- ئاينىڭ 24- كۈنىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام مەزگىلىدە ھەممە ئائىلە دەرۋازىسى ئالدىغا مەشئەل يېقىپ، كەنتنى يوپ- يورۇق قىلىۋېتىدۇ. مەشئەل، شاراب، يېمەكلىك كۆتۈرۈۋالغان ئەر- ئايال، قېرى- ياش مەيدانغا يىغىلىدۇ. قىز- يىگىتلەر ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ياشانغانلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئېچىلىپ- يېيىلىپ مۇڭدىشىدۇ. «مەشئەل بايرىمى» مەزگىلىدە جايلاردا يەنە بەيگە، كالا سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى