ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى قومۇل ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىرغا ئايلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 01- كۈنى 03:32   |    ئاپتور :

نۇرگۈل مۇھەممەت

  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەت خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ قومۇلنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەچكە، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى گۈللەنمە كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ھازىر قومۇلدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. قومۇلنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلىنىپ، قومۇل ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىرغا ئايلاندى.

    قومۇلنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى بايلىقى مول بولۇپ، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى قاتارلىق قىزىل ساياھەت نۇقتىسى؛ ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرىدىكى ئەسكىشار خارابىلىكى، قارادۆۋە بازىرىدىكى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى، تايزاڭ بۇددا خارابىلىكى ۋە يانبۇلاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قومۇل شەھىرىدىكى قومۇل ۋاڭلىرى مەقبەرىسى، قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ تەقلىدىي ئوردىسى، قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى، قومۇل مۇزېيى، نوم كارساڭ خارابىلىكى، نېرىنكىر يايلىقىدىكى ئاۋازلىق قۇمتاغ، نوم توغراقلىقى قاتارلىقلار بار. نېرىنكىر يايلىقى، ئاقتاش، باركۆل يايلىقى، باغداش، سەرۋەڭ، زۈركى، ئاراتام، قاراغول، قوغۇن باغچىسى، بوغاز چۆللۈكىمۇ قومۇلنىڭ گۈزەل ساياھەت نۇقتىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قومۇلنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئەۋزەللىكلىرىدىن باشقا، مەنىۋى مەدەنىيەت ئەۋزەللىكلىرىمۇ كۆپ ھەم ئۆزگىچە. تېكىست ۋە ئاھاڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قومۇل مۇقاملىرى، قومۇل كەشتىچىلىكى، قومۇلنىڭ توي- تۆكۈن ئادەتلىرى قاتارلىقلارمۇ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرماقتا.

    يېقىندا يېڭىدىن ئېچىلغان قومۇل قەدىمىي شەھەر قومۇل ۋاڭلىقى سىڭىر قوۋۇق كوچىسى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرەك قىلىش، يەرلىك تائاملار بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قومۇل ساياھەتچىلىكىكە يېڭى مەزمۇن قوشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى