ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:23   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى قاۋسىلقان نۇرقاي

    مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ھەرۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئارتۇقچىلىقىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش رولىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشىلانسا، جەمئىيەت مۇقىم بولسا، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا بىر قاتار خىزمەت تەلىپى، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك‹‹بىرىكمە مۇشت›› ئاتتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە ‹‹قوش تىل›› يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى. بىز بۇ تەدبىرلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، نەتىجە يارىتىدىغانلا بولساق، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

    ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارغا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، خاتا ئىدىيەلەرنى دادىل تەنقىد قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشىمىز، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم، ئېتىقادتا سادىق ئادەم، ھەرىكەتتە سەمىمىي ئادەم، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم، ئىستىلدا ئەمەلىيەتچىل ئادەم، خەلق بىلەن قەلبداش ئادەم، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادەم، ئىنتىزامچان ئادەم، پاك ئادەم بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى