ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:19   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تارىم نېفىتلىك شىركىتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور مەمەت ئوسمان

    شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ھەر مىللەت خەلق بۇ زېمىندا ياشاپ، گۈزەل يۇرت – ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇپ، بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان. دادام ھەققانىي، شەخسىيەتسىز، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، تىرىشچان، ئەستايىدىل، بىر ئۆمۈر پارتىيەگە، كەسپىگە سادىق بولۇپ ئۆتكەن پېشقەدەم كادىر، ئۇنىڭ جىسمىدا ئەكس ئەتكەن كوممۇنىستلارنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش روھى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. دادام كىچىكىمدىن تارتىپلا ماڭا پارتىيەمىز بىزنى يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇردى، بىزگە بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى، چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭ كېرەك، دەپ تەربىيە بېرەتتى. كىچىكىمدىن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئىنتايىن ئىناق ئۆتەتتۇق. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يولداشلارنىڭ ياردىمى ۋە تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم.

    2012 – يىلى خىزمىتىم تارىم نېفىتلىكىگە يۆتكىلىپ، نېفىتلىكنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم. نېفىتلىككە بارغاندىن كېيىن، ئەتراپىمدىكى يولداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمىدە ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، تېزلا بۇ يېڭى كوللېكتىپقا سىڭىشىپ كەتتىم. نېفىتلىكنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نېفىتلىكتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشمەي، ئورتاق تىرىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتتۇق. ‹‹قاقاس قۇملۇقتىكى قايناق ھايات››تىن ئىبارەت نېفىتلىك مەدەنىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز نېفىتچىلار بۇ چۆل – جەزىرىدە 25 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىت – تەبىئىي گازلىق قۇرۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئۇلۇغ ئىشلار مېنى دەۋەت قىلماقتا. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلارنىڭ قوللىشىدا، تولۇپ تاشقان غەيرەت – جاسارەت بىلەن نېفىتلىكنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مىللەت، دىن خىزمىتى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە نېفىتلىك رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ھەرمىللەت ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىم. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش ئۇرۇقىنىڭ قەلبىمدە كىچىكىمدىنلا يېتىلگەنلىكىدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن، دادامنىڭ تەربىيەسىدە، مەن خىزمەت ئورنۇمدا باشتىن – ئاخىر كوممۇنىزملىق غايە – ئېتىقاد ۋە سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، گۈللەنگەن، مۇقىم ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ۋە بەختلىك، خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدىم، ئۆزۈمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، جۇڭگولۇق بولغىنىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. شۇنداق جاراڭلىق ئېيتىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى، شۇنداقلا بىزنىڭ بارلىقىمىز بولمايتتى. كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى قىلمىشلارغا قارشى چوقۇم مەردانە ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    جاھالەت ئۆرلىسە بىر گەز، ئادالەت ئۆرلەيدۇ مىڭ گەز. مەن ئىللىق قۇياش نۇرى بولۇپ، كوممۇنىزملىق ئېتىقاد نۇرى بىلەن قاراڭغۇ ئىس – تۈتەكلەرنى تۈگىتىپ، ۋەتەن زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر قەلبلەرنى مەڭگۈ يورۇتىمەن. مەن بىر گىياھ بولۇپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مەن بىر تال شېغىل تاش بولۇپ، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىشتىن قورقماي، بوران – چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي، سۆيۈملۈك گۈزەل يۇرتۇم شىنجاڭنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن داغدام يول ئاچىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى