ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

قەيسەر بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:17   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شىرزات باھاۋۇدۇن

    يېقىندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹دەۋرىمىزگە نەزەر . شىنجاڭ سەھىپىسى›› ئالاھىدە پىروگراممىسىدا ئىتتىپاق – ئىناق، باي-گۈللەنگەن، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى. شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار جەمبىرىكىنى ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ قالتىس جۇمۇ!››، ‹‹شىنجاڭلىق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن››... دېگەندەك يۈرەك قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان، ئىپتىخارلىق ۋە مەدھىيە سۆزلىرى قاپلىدى. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئىپتىخارلىق بىلەن نامايان قىلىپ، ھازىرقى ئىناق، مۇقىم، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بولغان رازىمەنلىكى ھەم گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى روشەن ئاشتى، ساياھەتچىلىك سىجىل ئاۋاتلاشتى... يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭ زېمىنىدا بولۇۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى. بىز شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەردىن خۇشال بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەغرۇرلىنىپ كەتمەي، بەل قويۇۋەتمەي، باش نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىنتايىن ئېنىق بېكىتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. باش نىشان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزنىڭ باش يېتەكچىسى، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى مەركەز قىلىپ پىلانلىشىمىز، قانات يايدۇرۇشىمىز، ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، باش شۇجىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا، ھېچ ئىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، ھەممەيلەننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى تولۇق، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىزغا، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، زوراۋان – تېررورچىلارغا تىنىۋالغۇدەك، پايدىلانغۇدەك، بېشىنى كۆتۈرگۈدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، بالىلارغا شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى پارتىيەنى، دۆلەتنى قىزغىن سۆيىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    تۆتىنچى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە يەنە بىر خىل ئىش قىلىدۇ، ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئادەم بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە جىن – شەيتان، يۇمۇلاق تاۋۇز، ئۇلارنىڭ تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق، قەستەن ۋەقە تۇغدۇرىدىغان زوراۋان – تېررورچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تېخىمۇ ساختىپەز، تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، زىيىنى ئۇزاققىچە تۈگىمەيدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بىز ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زوراۋان – تېررورچىلارغا زەربە بەرگەنگە ئوخشاش زەربە بېرىپ، ئۇلارنى پاك – پاكىز يوقىتىپ، پاك – پاكىز قېزىپ، پاك – پاكىز تازىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى