ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات–نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گۈلشەن تۇراخۇن

    شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان – قېرىنداش ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى ۋە ئەمىنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۈرلۈك ئۇسۇل ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈردى. ئۇلار تارىخنى بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى قايمۇقتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى.

    ھەر مىللەت ئامما جەزمەن سەگەك بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەممەيلەن جاسارەتلىك بولۇپ، ھەممەيلەن باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا جەڭگىۋارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، باش نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

    ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاساسلىق بازا بولۇپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىغا تەشۋىق – تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سېپىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، خىزمەت سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە پۇختا ئىنچىكىلەشتۈرىمەن ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    بىرىنچى، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرىمەن.

    ئىككىنچى، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، شىنجاڭ تارىخىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان نەشر تېمىلىرىنى تاللاش، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى دەلىللەش ۋە تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چاتىقى بار نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەي، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىمەن.

    ئۈچىنچى، سىستېمىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىمەن. نەشر بۇيۇملىرى ۋە رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا نادىر ئەسەر ئىجادىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئامما ياقتۇرىدىغان، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم يەرلىك نادىر نەشر بۇيۇملىرى ۋە رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمەن. دىققەتنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نەشر بۇيۇملىرى، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نەشر بۇيۇملىرى ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تۈرى تولۇق، مەزمۇنى مول، سۈپىتى ياخشى مەنىۋى مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەيمەن.

    پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى