ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

مەردانە قەدەم بىلەن يېڭى نىشانغا يېتىشنىڭ يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 03:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

       ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگەندى ۋە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

    نىشان يۆنىلىشنى يېتەكلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ئېنىق سىزىلىپ، ‹‹يېقىن مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك، ئۇزاق مەزگىللىك›› نىشان بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلدى، يول خەرىتىسى تېخىمۇ ئېنىق، مەزمۇن تېخىمۇ مول، باش تېما تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى قەيسەر ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، 19 – قۇرۇلتايغا ئالقىش ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. خەلق سارىيىدىن تارقالغان ياڭراق سادا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىققان قەلب ساداسى بىلەن بىرلىشىپ جۇشقۇن سىمفونىيە ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېپيېڭى روھىي قىياپەت، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

    قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى نىشانغا ئاتلىنىمىز

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ شياۋنەن مۇنداق دېدى: ‹‹2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز؛ 2035 – يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز. ھەممىمىز ئەڭ بەختلىك، ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرىمىز››. يەرلىكتىن دۆلەتكىچە، بۇ بىر قانچە يىلدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى يېڭى نىشان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغۋار پىلاننى نامايان قىلدى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشىدىغانلىقىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىپ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى تۇرسۇنجان كېرەم مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر باھارگۈل سەمەت مۇنداق قارىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىيات سىڭگەن، دوكلاتتىكى ‹‹ئىككى باسقۇچ››لۇق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ‹‹ساغلام جۇڭگو››نىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. دوكلاتتا 2035 – يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بارچە خەلق ئورتاق بېيىشقا مەزمۇت قەدەم تاشلايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىش، يىراقتىن داۋالاش ۋە ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىكى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن ئومۇميۈزلۈك نەپ ئېلىۋاتىدۇ. ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى نىشانغا يۈزلىنىپ، يېڭى نىشاننى ئېنىق، كونكرېت تەدبىر ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

    قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى لياڭ يۈچۈن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى چوڭقۇر شەرھلەندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يول خەرىتىسى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. ھازىردىن 2020 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان مەزگىل. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەممە خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: خەلقنى رازى قىلغاندىلا، خەلق ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان بولىمىز.

    ‹‹19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ زور ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن – يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، بۇ يىل ھېچبولمىغاندا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن››. ئىلگىرى نامرات ئائىلە ھېسابلىنىدىغان ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى ئۇنتۇساق كەنتىدىكى دېھقان ئەنۋەر ياسىن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ھازىر ئايلىق ساپ كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ‹‹نۇقتا بېكىتىش›› بويىچە دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەنۋەر بۇ يىل 45 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ھويلىسىنى رېمونت قىلدى، قوتان سالدى، كۈزدە يەتتە تۇياق قوي سېتىپ، 5500 يۈەن كىرىم قىلدى. ئەنۋەر ياسىن: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىلا بولىدىكەن، بىز تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىشلەيمىز، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دېدى.

    ‹‹ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن – يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى پۇقرالارغا قاراش كېرەك››. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لۇبو مۇنداق قارىدى: نامرات ئاھالە بىلەن نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېغىر نامراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىشتە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تۇتۇش، ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش.

    تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، جۇڭگو ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

    19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: 2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، ئاشۇ چاغدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. سەنئەت يۇرتى، تىياتىرخانا قاتارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت سورۇنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئامما تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئۇسسۇل سەنئىتى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، سەنئەت خىزمەتچىلىرىمۇ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىمۇ چوقۇم بارغانسېرى ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، قوشۇمچە ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى دىلشات پەرھات مۇنداق دېدى: نىشان ۋە يۆنىلىش بېكىتىلگەن ئىكەن، ئەمەلىي ئىشلەش روھىي ھالىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس باش تېمىسى، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھازىرقى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللىيلىككە، ئىلمىيلىككە، ئاممىۋىلىققا ئىگە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. بىز ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئىشلىنىشى سەرخىل نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق جانلىق، تەسىرلىك ياخشى ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تاماشىبىنلارنى روھىي جەھەتتىن تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشىمىز كېرەك.

    سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۈەيراڭ مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى كۈرەش نىشانى جاسارىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى باغچە رايونى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

    (مۇخبىرلىرىمىز لى لى، فەن خۇڭيى، جاۋ شىيا، سۈي يۈنيەن، چاۋ جىن، خەن چىنيەن، گې يۇجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېي)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى