ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 03:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا (3)

    مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ

    نامراتلار ۋە نامرات رايونلارنى مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە نامراتلىق كەمتۈكلۈكلىرىنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك.

    ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش››، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش››... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىگە بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

    بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ۋەكىللەر دىققىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھەل قىلغۇچ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

    ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلدى››. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل لى يۈەنمىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەردىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

    ۋەكىل لى يۈەنمىن يان تېلېفونىدىكى كونا سۈرەتلەرنى ئاختۇرۇپ، بىزگە بۇرۇنقى گەمە كەنتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ئىلگىرى نامى چىققان نامرات كەنت ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا ئاپتونوم رايون، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇش››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنتىمىزدە يول ياساپ، يېڭى ئۆيلەرنى سالدى، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2012 – يىلىدىكى 9094 يۈەندىن بۇلتۇرقى 13 مىڭ 84 يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 14 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى ھەقىقىي تومپىيىپ، چېھرىدە ئېرىشىش تۇيغۇسى ئەكس ئەتتى.

    ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىش كېرەك››. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى.

    خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل نيۇ شۆشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 35 نامرات ناھىيەنىڭ 26سى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3029 نامرات كەنتنىڭ 2603ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 610 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ %80 تىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى ‹‹ئەڭ قىيىن نۇقتا››.

    ۋەكىل نيۇ شۆشىڭ مۇنداق دېدى: خۇددى باش شۇجى كۆرسەتكەندەك، ئېغىر نامراتلىق قورقۇنچلۇق ئەمەس، پەقەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەندىلا، پىكىر يولى توغرا، تەدبىرلەر كۈچلۈك، خىزمەتلەر پۇختا بولغاندىلا، ئېغىر نامراتلىق ئۈستىدىن تامامەن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايون ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ <13 – بەش يىل>لىق يولغا قويۇش يىرىك پىلانى››نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ %85تىن كۆپرەكىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئىشلىتىپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش بىر تۈركۈم››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

    ۋەكىل نيۇ شۆشىڭ مۇنداق دېدى: 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئازايغان نامراتلار 1 مىليوندىن ئاشتى، سۇ، توك، يول، گاز، ئۆي قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار.

    نىشان تېخىمۇ توغرا بېكىتىلدى، تەدبىرلەر تېخىمۇ ئىنچىكە، ئۈنۈم تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، داۋاملىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ھەم روھلاندى، ھەم زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.

    ۋەكىل نيۇ شۆشىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، جەزمەن قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىرادىمىز بولۇشى ھەم يېڭىچە خىزمەت سالمىقى بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىچە پاراسىتىمىز بولۇشى كېرەك.

    ۋەكىل لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىدىيەنى بېيىتىپ، ئاندىن يانچۇقىمىزنى توملىشىمىز كېرەك. كەنتىمىز دەل مۇشۇنداق قىلدى. ئەينى چاغدا مەن ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدىم، ئاخىرىدا يۈزدىن ئارتۇق دېھقان كۇرسقا قاتنىشىپ، دۆلەت تىلى ۋە تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

    بۈگۈنكى كۈندە گەمە كەنتىدە بىرمۇ بىكارچى قالمىدى، ئېتىز – ئېرىق ئىشىدىن قولى بوشىغانلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان بولدى. 800دىن ئارتۇق دېھقان غۇلجا، چۆچەك، ئۈرۈمچى ھەتتا بېيجىڭ، شاڭخەيگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

    ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئوخشىمايدۇ، ئەمما دەل جايىدا بولۇش ئىدىيەسى ئوخشاش، بىر ئاچقۇچ بىلەن بىرلا قۇلۇپنى ئاچقىلى بولىدۇ، يۇلۇپ تاشلىنىدىغىنى نامراتلىقنىڭ يىلتىزى، ئەمما بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئەمەلىي ئۈنۈمدە، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تەلەپ قىلىنغان ‹‹ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم دەل جايىدا يۆلەشكە ھەقىقىي كۈچەش كېرەك، پەقەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بەرگەندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ھەقىقىي ماختىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 يېزا – بازار ئىچىدە كۆچمە نوپۇس ئەڭ كۆپ، نوپۇس قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بازار بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل. بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەكىل فۇ چۈنلى خىزمەت جەريانىدا بازارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ‹‹ئەڭگۈشتەر››ىنى تېپىپ چىقتى، ئۇ بولسىمۇ نامراتلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشتە نامراتلىقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنىڭ ‹‹ئومۇمىي مەنپەئەتلىك تەقسىملىنىش››تىن ‹‹نىشانلىق تەقسىملەش››كە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىققا قايتىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش.

    خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: بىز نامرات ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا، تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا ئورتاق قاتناشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى!

    ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››، ‹‹بەش بىر تۈركۈم››... يېڭى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مېتودولوگىيەسىنىڭ نىشانى تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىرى تېخىمۇ ئىنچىكە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرمۇ كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ

    باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹پارتىيەنىڭ ئاساسى ئاساسىي قاتلامدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىمى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا قاراش كېرەك››. ۋەكىل لى يۈەنمىن بۇ جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

    ۋەكىل لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: پۇل، ماددىي بۇيۇم بېرىش ياخشى بىر ياچېيكا قۇرغانغا يەتمەيدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە تەشكىلىدە. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتداشلارنى ساقلاپ تۇرماسلىق، تايىنىۋالماسلىق ئىدىيەسىدە بولۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا داۋاملىق يېتەكلەيمەن.

    ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى كادىرلارغا ئاسان ئەمەس! بۇلتۇر پۈتۈن بازارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىز كۆرسەتكەن ئاجايىپ تىرىشچانلىقلار، بەرگەن زور قۇربانلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا ئېيتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، قەلبىم شۇئان ئىللىقلىققا تولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلارغا نىسبەتەن، بىر ئۈلۈش غەمخورلۇق كۆپ بولسا، بىر ئۈلۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاشىدۇ!

    ‹‹نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئەمەس، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش دەل بىزنىڭ ھەقىقىي ئىنتىلىشىمىز››. ۋەكىل ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن – ئاخىر نامرات ئامما بار، ھەر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا نامراتلاردىن قىيىنچىلىقى بار – يوقلۇقىنى سوراپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنى ئارىلاپ چىقتى، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، بىزدەك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئۈلگە بولغانلىق، بىز چوقۇم يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك.

    ۋەكىل ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە، بىردەك قەلب بولۇشى كېرەك، شۇڭا داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى