ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۆزگەرمەس كۈرەش نىشانىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 03:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    19 – قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا توختالدى

    ‹‹خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات – تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئىگە قىلىش كېرەك››، ‹‹خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس كۈرەش نىشانى››، ‹‹خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك›› ...

    يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىشى خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق قاراش ھاسىل قىلدى.

    بەش يىلدا خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

    دوكلات چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۇنىڭدا <خەلق> دېگەن سۆز كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى،- دېدى 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، تەييۈەن شەھىرى سەنشى تىياتىرى سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى شيې تاۋ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىدىن ھەرگىز يانمايدىغان ئەسلىي مەقسىتى ۋە خەلققە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

    ‹‹خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان زور بىر تۈركۈم تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى››. دوكلاتتا دەل ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى ئېيتىلغانىدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ھالقىپ كەتتى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى ...

    ـ ھازىر دۇلۇڭجياڭ يېزىمىزنىڭ كەنتلىرىگە تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممەيلەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، تېلېۋىزور، تېلېفون، تور، ئاپتوموبىلىمىز بار، بۆلجۈرگەن، پارىزگۈلى تېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز، دۇلۇڭ مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى قېلىن قار ياغسىلا يېرىم يىلغىچە سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان تارىخقا خاتىمە بەردى،- دېدى 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان ‹‹پېشقەدەم ھاكىم›› گاۋ دېرۇڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

    ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ‹‹خەلق›› سۆزى ئىزچىل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، مۇھىم فاڭجېن – سىياسەت، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈلۈپ، جايلار، تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىندى.

    جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرى يېقىندىن بۇيان بايلىقلار تۈگەپ كېتىش، ئىقتىساد چېكىنىش قاتارلىق كۆپ خىل قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، مالىيە بېسىمى بىر قەدەر زور بولسىمۇ، لېكىن ناھىيەنىڭ مائارىپ، داۋالاش، قاتناش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى سېلىنما سالمىقى ئازايماي، ئەكسىچە ئېشىپ، چەكلىك مالىيە كۈچى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشكە ئىشلىتىلدى.

    ـ بېسىم مەيلى قانچە ئېغىر بولسۇن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، مالىيە كۈچىمىز قانچە قىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق تۇرمۇشىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقىمىز كېرەك،- دېدى پىڭشياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى شياۋباۋ. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسىتى ۋە خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان مەيداندا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

    ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

    ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتكە ئۆزگەردى.

    جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىھتىياجىنىڭ كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماي، دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق، ئادىللىق، ھەققانىيەت، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەرگىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ـ تىياتىرخانا شەھەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بازا، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان جەرياندا، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەلىپىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، -دېدى بېيجىڭ باۋلى زىجىنچېڭ تىياتىرخانىسىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دېرىكتور، ۋەكىل شۈ جيەن. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان جۇڭشەن باغچىسى مۇزىكا سارىيىدا ھەر يىلى يازدا ‹‹سەنئەت ئىشىكىنى ئېچىش›› ياشلار، ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويۇن قويۇش قېتىم سانى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    شۈ جيەن مۇنداق دەپ قارىدى: دوكلاتتىكى ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ بىزنى تاماشىبىنلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋىلىكى كۈچلۈك، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر ھۆددە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ، يۈز مىليونلىغان دېھقانغا بېرىلگەن سىياسەت جەھەتتىكى ‹‹چوڭ سوۋغات››.

    خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسى دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دېھقانلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. دېھقانلار كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خاتىرجەم ئوبورۇت قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە كىرىپ خاتىرجەم ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ مۆلچەرى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ، ئۇلار خاتىرجەم مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتسە، ئېتىز – ئېرىق ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلىسا بولىدۇ، بۇلار كۆپ خىل شەكىلدىكى تىجارەتتە مۇۋاپىق كۆلەم ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

    شىزاڭ باچېڭ ناھىيەسى جياڭميەن بازارلىق يەسلىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل سىرېن ياڭچىڭ دوكلاتتىكى ‹‹شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش››، ‹‹يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش›› قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئىنتايىن قىزىقتى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىرلەر مائارىپ تەمىناتىدىكى ئاجىز ھالقىلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ: دوكلات مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىرادەمنى ۋە ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى، دېدى.

    بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى، تەپتىش، ۋەكىل پېڭ يەن دوكلاتتا ‹‹جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش››نىڭ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىش تەكىتلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

    ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولدى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى.

    ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: دوكلاتنىڭ باش تېمىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تەكىتلىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنغان، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئەتراپلىق، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى قەدەملىك خىزمەتلەرگە نىشان كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

    پۈتكۈل خەلقنى ئورتاق بېيىتىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا.

    چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەكىل تاڭ لياڭجى مۇنداق دېدى: ھازىر شەھىرىمىزدە 226 نامرات كەنت، 303 مىڭ نامرات نوپۇس بار، بۇ، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىيىن خىزمەت. چۇڭچىڭنىڭ يېقىندا ئەسلىدە بېكىتىلگەن بۇ يىل ئىچىدە توققۇز رايون، ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشقا تەڭشىگەنلىكى ھەرگىز ئۆلچەم ۋە تەلەپنى بوشاشتۇرغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى خۇددى گۈل كەشتىلىگەندەك تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات – تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامرات رايون ۋە نامرات ئاممىنىڭ قىسقا مۇددەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۇزاق مۇددەت بېيىپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم بېرىمىز.

    ـــ بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى:

    خەندەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل گاۋ خۇڭجى مۇنداق دېدى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ رايى بويىچە دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

    19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، سىچۈەن جياجياڭ ناھىيەسى چىڭجۇ يېزىسى جيەنگو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ چۈنرۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. كىچىك ئىشمۇ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىش پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوبرازىغا، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مۇناسىۋەتلىك.

    سەنشى خېجىن شەھىرى چىڭجيەن كوچىسى لۇڭمېن كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل يۇەن گۈيشېڭ مۇنداق دېدى: ئىشلارنى بىر – بىرلەپ قىلىپ، يىلنى – يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك. كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاممىغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ؛ ئورتاق بېيىش ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. كەنت پارتكومى 1996 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى دېھقانلارغا بەش تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، كەلگۈسىدە بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى