ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26- كۈنى 03:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا (4)

    مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، دۇڭ شاۋخۇا

    جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىشى، يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە، ئىشلار بىر يەرگە باردى، تىنىۋالايلى، پۇت – قولۇمىزنى سۇنۇۋالايلى، دەيدىغان ئويدا بولساق بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى بەس – بەستە مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى جەزمەن پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى ۋە گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمىز.

    بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايمىز

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەچكە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلدى.

    ۋەكىل لى گاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى باشتىن – ئاخىر پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ھىمايە قىلىپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە يادرونى تونۇش، سىياسىيدا يادرونى ھىمايە قىلىش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرونى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، يادروغا ساپ دىلىمىز بىلەن سادىق بولىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەنى، فاڭجېن – سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت – تەدبىرلىرى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز.

    ۋەكىل دۇ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشان ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

    ۋەكىل لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىشقا ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر››گە قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى. بىز ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز؛ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرى، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمىز.

    ۋىنتىنى چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىمىز

    يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ۋىنتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ۋەكىللەر مۇنداق دېيىشتى: ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالىيجاناب غايە، قەتئىي ئېتىقاد ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولمايدۇ، ‹‹پولاتتەك تەن››نى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن جەزمەن ئىلىم – پەن نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ئاساسنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا سادىق بولۇشى، پاكىز بولۇشى، زىممىسىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بوشاشماي كۈرەش قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

    ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىكى مەسىلىلەرگە قەتئىي ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىكى قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، بىراق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە قىلچىمۇ ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

    ۋەكىل جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئالتە چوڭ ئىنتىزامىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۆلچەمنى بوشاتماسلىق، رىتىمنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشتىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى ۋە ئۇنىڭ يامراش مەنبەسىنى تۈپتىن تۈگەتتى.

    ۋەكىل لى گاڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پارتىيەنىڭ كادىرلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچلىرى، دەپ كۆرسىتىلدى. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلىشىمىز كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئىش قىلماسلىق، ساختىپەزلىك قىلىش، خىزمەت كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كېتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تۈزەشتەك جازالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ئىش قىلمايدىغان، كەلسە – كەلمەس ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى تەڭشىۋېتىپ، پارتىيەگە سادىق، راست سۆزلەيدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ئەمەلىيەتچىل بولغان تېخىمۇ كۆپ كادىرنى تەربىيەلەشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

    ئۇلنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرىمىز

    دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساس، شۇڭا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئۇلنى چىڭىتىش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

    ۋەكىل فۇ چۈنلى ئىلگىرى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زور تەدبىرى ۋە كۈچلۈك تۇتقىسى بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، پارتىيە رايى بىلەن ئەلرايىنى مۇجەسسەملىدى.

    فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرىغا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتىدىن سەككىزى كەلدى. ھەر قايسى خىزمەت ئەترەتلىرى ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    دوكلاتتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ۋەكىل جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى ھەر قايسى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى، چېگرادىكى كەنت ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى بىرلىشىپ قۇرۇش ۋە بىرلىشىپ بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامنىڭ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايون، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا يازلىق ۋە قىشلىق كۆچۈش قانۇنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىدىن 17نى، پارتىيە ياچېيكىسىدىن 119نى، پارتىيە گۇرۇپپىسىدىن 232 نى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى مەركىزى ئائىلىسىدىن 205نى تەسىس قىلىپ، چارۋىچىلىق پارتىيە باش ياچېيكىسى ــ پارتىيە ياچېيكىسى ــ پارتىيە گۇرۇپپىسى ــ پارتىيە ئەزالىرى مەركىزى ئائىلىسىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك باشقۇرۇش تورىنى شەكىللەندۈردى. كۆچمە بايراق چىقىرىش نۇقتىسىدىن 378نى تەسىس قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى چېگرا رايون ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا جەۋلان قىلدۇردى. ۋەكىل خەي جۈ مۇنداق دېدى: ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمەن. ئاپتونوم رايون ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، كادىرلار ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، كەنتىمىزدە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلى تېخىمۇ دۇرۇس بولۇپ، ئوقۇرىنى پەسەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق كادىرلارنى قارشى ئالىمىز، دېيىشتى!

    ۋەكىل خەي جۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، چوقۇم يېزىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى مۇستەھكەم قورغان. بىز ‹‹بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك›› دېگەن ئىدىيەنى چۆرىدىگەن ھالدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى بايراققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىسىنى يېزا – كەنت گۈللەنگەن گۈزەل كېلەچەككە ئاتلىنىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى