ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

بالا باققۇچى قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈچۈن بوۋاققا قالدۇرۇلغان ئانا سۈتىنى ئىچىۋالدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22- كۈنى 08:31   |    ئاپتور :   |   مەنبە : نۇر تورى

    بېيجىڭ ۋاقىت تورى 22-سېنتەبىر خەۋىرى :

    يېقىندا، تەيۋەن ئۆلكىسى گاۋشيوڭ شەھىرىدە تۇرىدىغان لىن خانىم بوۋىقىغا قارىتىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان بالا باققۇچى ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بوۋىقىغا قويۇپ قويغان ئانا سۈتىنى ئوغرىلىقچە ئىچىۋالدى. بۇ قىلمىشى بايقىلىپ قالغاندا ئۇ ئۆزىنىڭمۇ قېنى ئاز ئىكەنلىكى، ئانا سۈتى ئىچىپ قۇۋۋەت تولۇقلىغانلىقىنى ئېيتىپ تورداشلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى.

    لىن خانىم بالا باققۇچىنىڭ سۈتنى نېمە ئۈچۈن ئىچىۋالىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ تېخى يالغان ئېيتىپ ھەممىنى بوۋاق ئىچىپ بولدى دېگەنىدى.

    بالا باققۇچى خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي لىن خانىمغا: «كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتتىڭىز، ئىلگىرى بالىسىنى بېقىپ بەرگەن ئايال مەندە قان ئازلىقىنى بىلىپ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ئىچىشىم ئۈچۈن سۈت بەرگەنىدى» دېدى. لىن خانىم بالا باققۇچىنى بالىسىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، مېنى ھۆرمەتلىمىدى دەپ قارىدى.

    بۇ ئەھۋال بالا باققۇچى تونۇشتۇرغان ئورۇندىكىلەرگە مەلۇم قىلىنغاندا، ئۇلار ئۇنى ئانچە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىدى دەپ قاراپ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

    تورداشلار بالا باققۇچىنىڭ قىلمىشىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى، چوپچوڭ ئادەمنىڭ بوۋاق بىلەن سۈت تالىشىشىنى چۈشىنىش قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى