ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 18- كۈنى 03:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، نەزەرىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بەختىيار باۋۇدۇن

    مەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر.مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشتىن، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    ئاتا–ئانام خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا قىزغىنلىق بىلەن خالىس ياردەم بەردى، ئاخىرىدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە 30 يىل ئىشلەپ، ئاددىي كادىردىن ئوتتۇرا قاتلام رەھبىرىي كادىرغا ئايلاندىم. ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىيات–سەنئىتىنىڭ چەكسىز جەلپكار، سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىم، ھەر مىللەت كەسىپداشلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىش ۋە بىللە ئۆگىنىش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ۋە موللىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمى بىلەن ئەدەبىيات–سەنئەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنىڭ ھارماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يەتتىم.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تەسىرىدە، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە سىڭىپ كىردى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئاتالمىش ‹‹ئۇيغۇرلار تارىخى›› ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پاكىتنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى؛ ئاتالمىش ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتى››نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولدى، ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغانلىقتىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چېكىنىپ كەتتى ۋە بۇرمىلاندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە تىنچسىزلىق ھالىتى كۆرۈلۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس تۈگىتەلمەسلىككە سەۋەب بولدى. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› سىڭدۈرمىچىلىك قىلىدىغان ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە بەزى كادىرلار ۋە ئاتالمىش ‹‹شائىر››، ‹‹يازغۇچى››لار ھوقۇقى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يانتاياق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ دېپىنى چالدى، ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئۇلار ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرى، دەرسلىك كىتاب قاتارلىق ساھەلەردە ئوغرىلىقچە قۇتراپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئەدەبىيات–سەنئەت ھەۋەسكارلىرى، شۇنداقلا ساددا ئاممىنىڭ ئىدىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى جايلاردا توي–تۆكۈنلەردە نەغمە–ناۋا قىلمايدىغان، ئۆلۈم-يېتىملەردە ھازا ئاچمايدىغان، ‹‹مۇسۇلمانچە›› بەلگە يامراپ كېتىشتەك ئاپەت خاراكتېرلىك ئەسەبىيلىك ھادىسىسى كۆرۈلدى؛ بەزى كىشىلەر ئاتالمىش ‹‹غازات قىلىپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ زەمبىرەك يېمىگە ئايلاندى. دۈشمەننىڭ رەزىل نىيىتى شۇكى، ئۇيغۇرلارنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىش، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن پارچىلاپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا بارلىق ئۇيغۇرلار قەتئىي قوشۇلمايدۇ ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي يول قويمايدۇ، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.

    ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رېئاللىقنى ئېنىق تونۇشىمىز، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››دىن ئىبارەت خاتا ئىدىيەنىڭ قاينىمىغا كىرىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھوشيارلىقىمىزنى دائىم ئۆستۈرۈپ، سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن بولغان چەك–چېگرانى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. بىز باشتىن–ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، قولىمىزدىكى قەلەمدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەۋر روھىغا مەدھىيە ئوقۇشىمىز؛ ئۇسسۇل، مۇزىكا، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر، سېرك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت–سەنئىتىنى كۆرەك قىلىشىمىز؛ ئامما ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، مىللەت، دىن سىياسىتىنى، ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز؛ ئاممىنى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئاشۇ ساختىپەزلەر، بۆلگۈنچىلەر، ئەسەبىيلەرنى ئېنىق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن چەك–چېگرانى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، زوراۋان–تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.

    دۇنيادا ھەرقانداق كىشى ياكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيزم ۋە زوراۋان تېررورىزم ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەمەس. ئەگەر بىر ئادەم مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيزم ۋە زوراۋان تېررورىزم خاتا ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ خەلقتىن يىراقلىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ؛ ئەگەر بىر مىللەت مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيزم ۋە زوراۋان تېررورىزم ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۇنداقتا بۇ مىللەت مۇقەررەر ھالدا زور ئاپەتكە دۇچار بولىدۇ! بىز ھەرىكەتكە كېلىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەپت–بەشىرىسى ۋە رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارىتىمىز بىلەن مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان زوراۋانلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، پىداكارانە ئىرادىمىز بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھىيلە–نەيرەڭلىرىنى پاش قىلىپ ۋە تارمار قىلىپ، ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزگىچە قورالى بولغان قەلەم ۋە قەغەز ئارقىلىق بارلىق جىنايەتچىلەرگە قارشى ئۇزاققىچە قەتئىي كۈرەش قىلايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى