ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

دارۋازلار پارتىيەگە مەڭگۈ رەھمەت ئېيتىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 18- كۈنى 03:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھوشۇر

    مېنىڭ ئىسمىم ئادىل ھوشۇر، ئۇيغۇر ئەل ئىچى دارۋازلىق ئارتىسى، دارۋازلىق سەنئىتىنىڭ 6–ئەۋلاد ۋارىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەل ئىچى دارۋازلىق سەنئىتىنىڭ خارابلىشىشقا خاتىمە بېرىپ گۈللەنگەنلىكىنىڭ شاھىتى. مەن بۈگۈن بارلىق دارۋاز سەنئەتكارلىرىغا ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق دەيمەنكى: كومپارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! چۈنكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت غەمخورلۇق قىلمىغان ۋە كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسا، دارۋازلىق سەنئىتىنىڭ باھارى بولمىغان بولاتتى.

    ھازىرقى دارۋازلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ، دارۋازلىقنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالىنى ئىختىيارسىز ئويلاپ قالىمەن، دارۋازلىق ئەڭ دەسلىپىدە كوچا–كويلاردا، ئېتىز باشلىرىدا ئوينىلىدىغان ئەل ئىچى سەنئىتى ئىدى. ئاتا-ئانام بۇرۇنلا قازا قىلغانىدى، كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا دارۋازلىقنى مەشىق قىلدىم. ئۇ چاغدا بىزنىڭ مەشىق قىلىش، ئويۇن قويۇش شارائىتىمىز ناچار، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، دارۋازلىق ئويۇنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى، دارۋازلىق يوقىلىش، ۋارىسسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بۇ جەۋھىرىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

    پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز دارۋاز سەنئەتكارلىرىنى شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىگە ئىشتاتلىق خادىم سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز، شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ تۇرمۇش، مەشىق، ئويۇن قويۇش ئىشلىرىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىش بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يەنە مەخسۇس دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇرۇلدى، دەرۋازلىق سەنئىتىنى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دارۋازلىق سەنئىتى دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى دۇنيا سەھنىسىگە، سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقاردى. مەنمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىسىدىكى يېتىم بالىدىن ‹‹پەلەك شاھى››غا ئايلاندىم، تۆت نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدۇم. مەن ئىلگىرى ئالتە قېتىم جىننىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدىم، كۆپ قېتىم ئىنسانىيەتنىڭ قىيىن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدىم، كۆپ قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئەمما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرەلمىدى، ئۇلار ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر قاتار قانلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۇيغۇر ئاممىغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى، بىز ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىدىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، مەن مېھرىبان ئۇستازىم ليۇ فۇشېڭ ۋە ئاتاق ئانام شۈ گۇييىڭنى ئەسلەيمەن. ئاتا–ئانام بۇرۇنلا قازا قىلىپ، كىچىكىمدىنلا يېتىم بولۇپ قالدىم. ليۇ فۇشېڭ مۇئەللىم مېنى ئاتا–ئانامدىن ئايرىلىش ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى. ليۇ فۇشېڭ مۇئەللىم دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى ۋە خىزمەتدىشى ئىدى، ئۇ ماڭا ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلدى، سېركچىلىك ئاساسىي ماھارىتىنى، دارۋازلىقنى ئۆگەتتى، شۇنداقلا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ۋە ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى. ليۇ فۇشېڭ مۇئەللىمنىڭ مىننەتسىز ياردىمى بولمىغان بولسا، ھازىرقى نەتىجىلىرىم بولمىغان بولاتتى.

    ليۇ فۇشېڭ مۇئەللىم ماڭا ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن بولسا، شۈ گۇييىڭ ئانام ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بىز 1991–يىلى ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا مىللىي ئۆرپ–ئادەت كۆرىكىگە قاتناشتۇق، مېنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى دارۋازلىق ماھارىتىم شاڭخەيدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بىز ئۇدا 119 مەيدان ئويۇننى ئوڭۇشلۇق قويدۇق، لېكىن دەل ئاخىرقى 120–مەيدان ئويۇننى قويغاندا، پولات ئارغامچا توساتتىن ئۈزۈلۈپ كېتىپ، مەن 21 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتىم، بەدىنىمنىڭ 17 يېرى سۇنۇپ، ھوشۇمدىن كەتتىم. يارىلانغانلىق خەۋىرىم تېزلا شاڭخەيگە تارقالدى، شۇ جايدىكى رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېرىم ئايدىن كۆپرەك جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن، مەن ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇم، شاڭخەيدىكى داۋالاش ماھارىتى ئۈستۈن تېببىي خادىملار ۋە قېرىنداشلارچە چوڭقۇر مىللىي ھېسسىيات بۇ مۆجىزىنى ياراتتى. ئاغرىپ ياتقان ۋاقتىمدا، شاڭخەيدىكى رەھبەرلەر مېنى كۆپ قېتىم يوقلىدى، ئۆزلۈكىدىن تاماق ئەكىلىپ يوقلىغان قىزغىن شەھەر ئاھالىسىمۇ ناھايىتى كۆپ، شۈ گۇييىڭ ئانام ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۈ ئانام دارۋازلىقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ‹‹مەستانىسى›› ئىدى، ئۇ مېنىڭ ھەر بىر مەيدان ئويۇنۇمنى چوقۇم كۆرىدۇ، شۈ ئانام مېنىڭ يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مېنى كۆرگىلى كېچىلەپ دوختۇرخانىغا كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىغا تاماق ئەكىلىش، ماڭا ھەمراھ بولۇش، ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ قالدى. شۈ ئانام كۆڭۈل قويۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ ماڭا ئانا مېھرىنى ھېس قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىكىم ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلدى. ليۇ فۇشېڭ مۇئەللىم ۋە شۈ گۇييىڭ ئانامدىن سېنىڭ–مېنىڭ دېمەيدىغان، مىللەت ئايرىمايدىغان قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېس قىلدىم، مەن بۇنى ئېسىمدە مەڭگۈ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن. مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى مىسال قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى