ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردىن يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن يەسلىگە كىرگۈزۈش نىشانىغا يەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 18- كۈنى 03:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

    جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 9–ئاينىڭ 14–كۈنى ئاچقان كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇش باشلىنىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلغان، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىلەر ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 1مىليون 155مىڭ 200 (جەنۇبىي شىنجاڭدا 784مىڭ 200)گە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يەسلىدىكى بالا سانى 1مىليون 128 مىڭ 900 (جەنۇبىي شىنجاڭدا 769مىڭ 400) بولۇش نىشانىدىن 26 مىڭ 300 (جەنۇبىي شىنجاڭدا 14مىڭ 800)ى ئاشقان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن يېزىلاردا قۇرۇشقا تېگىشلىك يەسلىنى جەزمەن قۇرۇش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردىن يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن يەسلىگە كىرگۈزۈش نىشانى قەرەلىدە تاماملىنىپ، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سانىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مالىيە باشقارمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مائارىپقا ئاجرىتىلغان جەمئىي سېلىنما 287مىليارد 50مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2016–يىلىلا 67مىليارد 380مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2012–يىلىدىكىدىن %42.9 ئاشقان.

    بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا جەمئىي 5مىليارد 370مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىندى. بولۇپمۇ 2017–يىلى يېزىلاردا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىن 4408ى يېڭىدىن سېلىندى ياكى كېڭەيتىپ سېلىندى، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 1مىليون 155مىڭ 200بالا يەسلىگە كىرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەممە يېزىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى مۇكاپات تولۇقلىمىسىدىن 893مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەر–بازارلاردىكى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تىپىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

    بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈر قۇرۇلۇشىغا 14مىليارد 40مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، 56 ناھىيە، شەھەر، رايوندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلدۇردى؛ ئاپتونوم رايون كەسپىي مائارىپقا 6مىليارد 840مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، كەسىپ بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەردە مائارىپ ئىسلاھاتى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا، ماھارەت ئىگىلىگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇقتىلىق مايىللىشىپ، مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى