ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى 94 كۆمۈركان تاقالدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقى 8 مىليون 100مىڭ توننا ئازايتىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 18- كۈنى 02:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 8 –ئاينىڭ 25– كۈنىگىچە 94 كۆمۈركان تاقىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقى 8 مىليون 100 مىڭ توننا ئازايتىلىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %69.8ى تاماملانغان.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا 2017–يىلى 113 كۆمۈر كان تاقىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقى 11 مىليون 600 مىڭ توننا ئازايتىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا قارىتا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تەدرىجىي ئېشىپ، كۆمۈر باھاسى مۇقىم ئۆرلەپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى.

    ئاپتونوم رايونىمىز 2016–يىلى 21 كۆمۈركاننى تاقاپ، 2 مىليون 740 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتتى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان، قىسمەن توختىغان، تەننەرخى يۇقىرى، بىخەتەرلىك كاپالەت دەرىجىسى تۆۋەن بولغان كۆمۈركانلار.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون قالاقلىرىنى شاللىۋېتىش، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس ھەرىكەتنى ئىزچىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈركانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش، ئىقتىدارىدىن ھالقىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىش قىلمىشىلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئارقىلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈركانلار %80تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، كۆمۈرچىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى