ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى نامايان قىلىش، دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 18- كۈنى 02:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    ‹‹ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، چوڭ ئىشلارنى كۆزلەش››، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

    نەشرىيات ساھەسىدە ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ۋە چوڭ – چوڭ پائالىيەتلىرى، مۇھىم ئىشلار چۆرىدىلىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر نەشر بۇيۇملىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە جامائەت پىكرى مۇستەھكەملىنىپ، پۈتكۈل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

    ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك ماسلىشىش

    ئاساسىي تېمىلىق نەشر تارىخنى خاتىرىلەش، ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم يېتىشتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

    پارتىيە 18 –قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىنى ‹‹ئۆتكۈنچى›› تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماي، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىدە توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى توغرا ئىگىلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چۈشەندۈرۈلدى.

    ─ 2013–يىلى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنى بويىچە 2–قارارلىق نەشر قۇرۇلۇشى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئاساسىي تېمىلىق نەشر پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى؛

    ─ 2014 –يىلى يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئاساسىي تېمىلىق نەشر پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى؛

    ─ 2015–يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق نەشر پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى؛

    ─ 2016 –يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق نەشر پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى؛

    ─ 2017 –يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، چوڭ – چوڭ ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات ۋە غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتى ئارقىلىق ھەم ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى، ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، چوڭ – چوڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىلدى.

    سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، قارشى ئېلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئېسىل ھەم كاتتا ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭگو ئارزۇسى قاتارلىق بىر قاتار ئاساسىي تېمىلىق نەشر بۇيۇملىرى بېيجىڭ كىتاب سارىيىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا تىزىلىپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەننى جەلپ قىلدى.

    خەلق نەشرىياتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى رېن چاۋ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلق نەشرىياتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېڭى دەۋردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ماركسىزم – لېنىنىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ كىتابچىسىنى، يەنى ‹‹كومپارتىيە خىتابنامىسى››، ‹‹لېنىننىڭ يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت توغرىسىدىكى بايانلىرى››، ‹‹1844 – يىلىدىكى ئىقتىساد، پەلسەپىگە دائىر قول يازمىلار››نى كەينى – كەينىدىن نەشر قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ماركسىزم – لېنىنىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

    بەش يىلدىن بۇيان، نەشرىيات ساھەسى خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت نەشرىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، ‹‹ماۋ زېدۇڭ شەجەرىسى››، ‹‹دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەرجىمىھالى››، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇق››، ‹‹نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرى ھەققىدە تەھلىل››، ‹‹شى جىنپىڭ دۇردانىلىرى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى››، ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش››، ‹‹100 بالىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى››، ‹‹قەھرىمانلار داستانىنى قايتا ئوقۇش›› قاتارلىق سۈپەتلىك، زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە ئاساسىي تېمىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ نەشر قىلدى.

    دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خۇيلىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم. پىلانلىغاندا، تېمىنى ۋە ئاپتورلارنى ياخشى تاللىغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ‹‹جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە ئوقۇشلۇق››، ‹‹دېڭىز يىپەك يولى ۋە جۇڭگونىڭ كۈچلۈك دېڭىز – ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى›› توپلىمى قاتارلىقلار نەچچە يىل بۇرۇنلا پىلانلانغان؛ ۋاڭ شۇزېڭ يەتتە يىل قېتىرقىنىپ يازغان ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش›› جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا نەشر قىلىنىپ، نەشردىن چىقىشى بىلەنلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

    يېڭىلىق يارىتىشمۇ ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي تېمىسى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى››دا، پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىندى، ‹‹ماركس ئىشەنچلىك››، ‹‹ئۇلۇغلارنىمۇ چۈشىنىدىغانلار بولۇشى كېرەك ─ ماۋ زېدۇڭنى بىللە ئوقۇيلى››دا ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە دادىل يېڭىلىق يارىتىلغاچقا، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    بازارنى كۆزىتىش، خەلقئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈش

    24 –نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە، ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل ─ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېسىل كىتابلار كۆرگەزمىسى›› دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تارتتى، ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا››، ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› قاتارلىق 140 تۈرلۈك ئاساسىي تېمىلىق مۇنەۋۋەر كىتاب مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، چەت ئەل نەشرىيات ساھەسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، نۇرغۇن كىتابلارنىڭ كۆپ تىللىق نەشر ھوقۇقى سىرتقا چىقىرىلدى.

    ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتى ئارقىلىق، سىياسىي يۆنىلىشى توغرا، ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، بازار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، سېتىلىشى تېز بولدى، بەزى نەشر بۇيۇملىرى چەت ئەلگە چىقىرىلىپ، خەلقئارا بازارلاردا ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.

    دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى نەشر خىزمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرى ھەققىدە تەھلىل›› ناملىق يۈرۈشلۈك توپلام 25 مىليون پارچە تارقىتىلغان؛ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇق (2016 – يىلى نەشرى)›› 60 مىليون پارچىگە يېقىن تارقىتىلىپ، يېڭى دەۋردە كىتابچىلەرنىڭ تارقىتىلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان؛ ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› بۇ يىل 5 – ئايدا نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، 1 مىليون 500 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلغان؛ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› 21 خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ، دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا جەمئىي 6 مىليون 420 مىڭ پارچە تارقىتىلغان، 2018–يىلى بۇ كىتابنىڭ 35 خىل تىلدا نەشر قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

    جۇ خۇيلىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ‹‹يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ››ىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ۋە خەلقئارا ئوبرازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە ئوقۇرمەن جۇڭگونى بىلىش، جۇڭگونى چۈشىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشكە جىددىي موھتاج بولماقتا. ئاساسىي تېمىلىق نەشر خىزمىتى ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارادىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ۋە جانلىق سۆزلەپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلەپ، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى