ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

بۈگۈن كىتابنى قانداق ئوقۇيمىز؟

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:33   |    ئاپتور : مەمتىمىن ياقۇپ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ مەلىكىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، بىلىم تەشنالىرىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتىشتىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشى. يىراق تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر بىلىمگە، مەدەنىيەتكە ئىنتىلگەن ھەرقانداق بىر ئادەم كىتابنى ئۆزىگە يېقىن ھەمراھ بىلىپ كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ پىشقان ئەقىل – پاراسەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالغا يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان. كىتابنى دوست تۇتالىغان ئىلىم ئاشىقلىرى تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ماڭغان، ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەردىن پەزىلەت، ئىقتىساد، ھۆرمەت – ئىناۋەت جەھەتلەردە پەرقلىق ياشىغان.

    كىتاب ئوقۇش بىز ئەۋلادلارغا ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ياخشى ئەنئەنە. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كىتابخانىلارغا، مەكتەپلەرگە، قىرائەتخانىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇنداق ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئانچە كۆپ ئۇچرىتالمايمىز. بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق بىلىم، كۆڭۈلنى ھاياجانغا سالالايدىغان چوڭقۇر تەسىرات، دىلنى سۆيۈندۈرەلەيدىغان ھەقىقىي زوق پەقەت ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇشتىنلا كېلىدۇ. كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇش تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدۇر. ئۇنداقتا كىتابنى قانداق ئوقۇيمىز؟ مېنىڭچە، كىتابنى پەقەت ئېھتىياجىمىزغا بېقىپ ئوقۇيمىز. ناۋادا بىز ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى بىلىم ئېلىۋاتقان ياش بولساق، ئۇ چاغدا كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇيمىز. ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇش ئۆگىنىش، ئىجادىيەت ۋە ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇشۇنداق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ. چۈنكى ئۆگەنگۈچىلەر، ئىجادىيەتچىلەر ۋە ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پۇختا ھەم سىستېمىلىق بىلىمگە، مول تۇرمۇش ماتېرىياللىرى جۇغلانمىسىغا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر بىز تېخنىكىۋى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ياكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بولساق، ئۇ چاغدا كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇساق بولىدۇ. كەڭ ھەم چوڭقۇر، سىستېمىلىق بولغان بىلىملەرنى بىزگە مەكتەپ ئۆگىتىپ بولدى. ئۆزىمىزگە لازىملىق بىلىمنى يىغىنچاقلاپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن تېخنىكىۋى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىمىز دېسەك، بىز كىتابنى ئوقۇپ بولغۇچە ماشىنا كونىراپ سەپتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخنىكىلىق سەۋىيەسى ۋە تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى ماشىنا سەپلىنىپ بولىدۇ. كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇپ، زۆرۈر تېخنىكىۋى بىلىمنى ئىگىلەپ، دەل ۋاقتىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىگە تەتبىقلىساق، ئۇ چاغدا بىز قازىنىدىغان ئۈنۈم ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

    كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇش پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا، تۈرلۈك ئىمتىھان ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان كىتابلارنى ئوقۇشقا، چېرتيوژ، ئىسخېمىلارنى كۆرۈشكە ماس كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى كىتابلارغا كۆپىنچە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى تەييار بىلىملەر خاتىرىلىنىدۇ، بىلىمنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى خاتىرىلەنمەيدۇ، كىتاب تۈزگۈچىلەر نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، جەۋھەر قىسمىنى يىغىنچاقلاپ تۈزۈپلا قويىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق تەييار بىلىمنىڭ نەق ئۆزىنى كۆرۈپ دەل جايىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىراق كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق چوڭقۇر، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق بىلىمگە ئىگە بولۇش مەقسىتىگە تولۇق يەتكىلى بولمايدۇ.

    شۇنداق ئىكەن ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇشمۇ، كۆز يۈگۈرتۈپ كىتاب ئوقۇشمۇ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. شۇڭا بىز ئۆز ئېھتىياجىمىزغا قاراپ كىتابلارنى تاللىشىمىز، شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ تەلىپىگە، ئۆزىمىزنىڭ يارىتالىغان ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كىتاب ئوقۇشىمىز كېرەك. كىتاب بىزنىڭ دوستىمىز، يېقىن قولدىشىمىز. تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، كىتابتىن ئىبارەت يېقىن ھەمراھىمىزدىن يىراقلاشساق، بۇ بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى