ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى باشلىنىپ، 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %81.45 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 80 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)قا 68 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 183 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار 5 قېتىم ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانلارغا توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرغان. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىن باشقا، قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئارزۇنى ئۆزگەرتىش)ىغا يول قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان.

    ئىگىلىشىمچە، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 8دىن سائەت 20 گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. بۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدىكەن. 9 –ئاينىڭ 28 –، 29 – كۈنلىرى ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى