ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 79 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رىزۋانگۈل مەمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ يىل ئەتىيازدا قۇرۇلۇش باشلىغان 79 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى يېقىندا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

    بۇ ناھىيە بۇ يىل يېزىلاردا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىل بېشىدىن باشلاپلا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ‹‹1 – نومۇرلۇق قۇرۇلۇش›› سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. يېڭىدىن سېلىنىدىغان ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىدىغان ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنى بېكىتىپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش، 7 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بولۇش، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى بىلەن توختاملىشىپ ئىش باشلىدى.

    ئىگىلىشىمچە، بۇ ناھىيەدە بۇ يىل سېلىنغان 79 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ ئىچىدە 59 يەسلى يېڭىدىن سېلىنغان، 20 يەسلى كېڭەيتىپ سېلىنغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا 373 مىليون 640 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى بالىلارنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە خاتىرجەم ئوقۇش باشلىشى ئۈچۈن، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان. 79 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى بىلەن، ناھىيەدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق يەسلى يېشىغا توشقان بالىنىڭ يەسلىگە كىرىپ تەربىيەلىنىش مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل بولغان.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى