ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدا 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى <13-بەش يىل> لىق تەرەققىيات پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. «پىلان» دا ئوتتۇرىدا قويۇلۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېتىپ، 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىدىكەن، زامانىۋى مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم مائارىپ مەركىزى بولۇپ قالىدىكەن.

    «پىلان»دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئومۇملىشىپ، 3 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %98 گە يەتكۈزۈلىدىكەن. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ئەمەلىيلىشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ پۇختىلىنىش نىسبىتى %95 كە يەتكۈزۈلىدىكەن، مەكتەپتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىلىدىكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %90 كە يەتكۈزۈلىدىكەن، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگەللەيدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسلارنىڭ ئوقۇش چېكى ئوتتۇرا ھېساب 11 يىلغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوقۇش چېكى 13 يىلغا يەتكۈزۈلىدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى