ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 9–ئاينىڭ 5–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 5 –كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئۇچرىشىشتا ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى›› ماقۇللاندى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى تەكىتلىنىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانى تۈزۈلدى. 5 دۆلەت رەھبىرى مۇنداق قارىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇھىم مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى قوغداپ، يەرشارى خاراكتېرلىك تۈرلۈك خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشى؛ ماكرو سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشى؛ سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، مېخانىزملاشتۇرۇپ، 5 دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شيامېن ئۇچرىشىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئورتاق ئورنىتىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن 10 يىلى››نى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇچرىشىش مەزگىلىدە جۇڭگو گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن مىسىر، مېكسىكا، تايلاند، تاجىكىستان، گىۋىنېيە رەھبەرلىرى خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە يەرشارى تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك: ‹‹كېسەك ئالتۇن+›› ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي ئافرىقا كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەر قايسى دۆلەت، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

    ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى