ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەرۋازىسى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ‹‹كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.  

    رەئىس شى جىنپىڭ 2017–يىل 9–ئاينىڭ 3–كۈنىدىن 5–كۈنىگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە رىياسەتچىلىك قىلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا–سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. چوڭ – كىچىك دائىرىدىكى يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، تەبرىك سۆزى قىلىش، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش... رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى 10 يىلنىڭ باش پەللىسىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. شيامېننىڭ مەنزىسى سۈرەتتەك گۈزەل. لۇداۋ ئارىلى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ بۇ يەردە كۆزنى تېخىمۇ چاقناتقانلىقىغا، جۇڭگو ساداسىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىغانلىقىغا شاھىت بولدى.

    كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە‹‹كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.  


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9–ئاينىڭ 4–كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى گۇلاڭيۈ›› ناملىق رەسىمنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 5–كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې، مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 3–كۈنى شيامېن ‹‹خەلقئارا›› كۆرگەزمە مەركىزىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ‹‹كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق بەرپا قىلايلى›› دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

    سۈرەتلەر شىنخۇا توردىن ئېلىندى

 

 

 



 

 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى