ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

مەدەنىيەت خاسلىقى گەۋدىلەنگەن پاكىستان ئۇسسۇل كېچىلىكى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئەكبەر ئىسمائىل

    بېشىغا ئاق بۆك، ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيىپ، بېلىگە قىزىل پوتا باغلىغان ئەر ئۇسسۇلچىلار دۇمباق رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشكىنىچە سەھنىگە چىقتى، ئارقىدىنلا قىزىل پۆپۈكلۈك باش كىيىمى كىيگەن، قارا كۆڭلەكلىك ئايال ئۇسسۇلچىلار قول تۇتۇشقىنىچە يەڭگىل قەدەم بىلەن سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇشتى... يېقىملىق مۇزىكا، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇل كىيىمى، پىشقان ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى تاماشىبىنلارغا خاس پاكىستان مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.

    بۇ پاكىستان دۆلەتلىك سەنئەت كومىتېتى ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇسسۇلچىلار كېچىلىكتە تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان تۇنجى ئۇسسۇل ‹‹كالاش ۋادىسى ئۇسسۇلى››دىكى كۆرۈنۈش ئىدى. پاكىستان دۆلەتلىك سەنئەت كومىتېتى ئۇسسۇل ئۆمىكى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ‹‹كونا مېھمان››ى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل بايرىمىغا ئۈچىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى، بۇ ئۆمەك 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە شىنجاڭ مۇقام تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا تۆت مەيدان ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

    ئۇسسۇل كېچىلىكىدە ‹‹كالاش ۋادىسى ئۇسسۇلى››، ‹‹رىۋا ئۇسسۇلى››، ‹‹كاتاك ئۇسسۇلى›› قاتارلىق قويۇق پاكىستان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇسسۇللار ئورۇنلاندى. 15 نومۇردىن تەركىب تاپقان، مىللىيچە ئۇسسۇل بىلەن كىلاسسىك ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان ئۇسسۇل كېچىلىكىدىكى پاكىستان خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن، بايرام شادلىقى، توي شادلىقى نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا ئەجدادلارنى ئەسلەش تېمىسىدىكى ئۇسسۇللار تاماشىبىنلارغا پاكىستان خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئەر – ئايال ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل كېچىلىكىدە باشتىن – ئاخىر يالاڭ ئاياغ ئۇسسۇل ئويناپ، پىشقان ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە سېھرىي كۈچكە تولغان بەدەن تىلى بىلەن پاكىستان ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.

    پاكىستانلىق مۇزىكانت نەي بىلەن ئورۇنلانغان جۇڭگو مۇزىكىسى ‹‹ھەجەپ گۈزەل يەسىمەن گۈلى››نىڭ ياڭرىشى بىلەن زال ئىچى گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا تولدى، تاماشىبىنلار مۇزىكا رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چالدى. پاكىستانلىق مۇزىكانتلار ئۇسسۇل كېچىلىكىگە ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن كەلگەنىدى، ئۇلار پاكىستاننىڭ خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى ساز – چالغۇلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە ھۇزۇر بەخش ئەتتى.

    ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرگەن خانقىز قاھار مۇنداق دېدى: ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۇسسۇللىرى ۋە كىيىم – كېچىكىدە پاكىستاننىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ پاكىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. پاكىستاننىڭ ئۇسسۇل، ناخشا، مۇزىكىلىرى تولىمۇ يېقىشلىق ئىكەن.

    ئۇقۇشىمچە، پاكىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى پاكىستان دۆلەتلىك سەنئەت كومىتېتى ئۇسسۇل ئۆمىكى تالانتلىق ئۇسسۇلچىلار ۋە مۇزىكانتلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئۆمەكتىكى سەنئەتكارلار ئىلگىرى – كېيىن 30 نەچچە دۆلەتتە ئويۇن قويۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇ ئۆمەك ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ مىللىيچە ئۇسسۇلى، كىلاسسىك ئۇسسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنى ئوينايدىكەن، ئۆمەكتىكى ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇلىدا خاسلىق ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بەدەن تىلى ئارقىلىق پاكىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى