ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

كىلاسسىك دىراماتورگ تاڭ شيەنزۇنىڭ قەبرىسىنىڭ كونكرېت ئورنى جەزملەشتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: تاڭ شيەنزۇ جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 28 -ئاۋغۇست تاڭ شيەنزۇنىڭ يۇرتى بولغان جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئارخېئولوگلار دالا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى ئارقىلىق جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى ۋېنچياڭ رايونى ئەتراپىدىكى تاڭ شيەنزۇ قەبرىستانلىقىدا تاڭ شيەنزۇ قەبرىسىنىڭ كونكېرت ئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن جەزىملەشتۈردى. قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان تاڭ شيەنزۇنىڭ قول يازمىلىرى شۇنىڭدەك قەبرە تەزكىرىسى تاڭ شيەنزۇ مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    تاڭ شيەنزۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق ئەلنەغمەشۇناس، دىراماتورگ، ئەدىبتۇر. ئۇ يەنە «شەرقتىكى شېكىسپېر» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇدەن شىپىڭى»، «خەندەن خاتىرىسى» قاتارلىق ئەلنەغمە ئەسەرلىرى ئېلىمىز كىلاسسىك سەنئىتىدىكى بىباھا گۆھەرلەردۇر.

  تاڭ شيەنزۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى خانىمىنىڭ قەبرىسى.  (ليۇ چيەن فوتوسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى