ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 6–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 6–كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك ئۆمەكلىرى ۋە ئىقتىساد ئۆمەكلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو–ئامېرىكا جەمئىيەت ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتى، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىل جۇڭگوغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆمەكلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايمەن، چوڭ–چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن بۇ يىل جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھازىرقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەتئىي كۈچەپ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى باشتىن–ئاخىر قەتئىي قوغداپ، مەسىلىنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سۆھبەتلىشىش، سۆزلىشىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا تايىنىپ، مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز.

    ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىشنى خالايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى