ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

تارىخىي ئۆزگىرىش، تارىخىي ھالقىش

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (3)

    تارىخ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، تەرەققىياتنىڭ شاھىتى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىي مۇساپىدە قانداق ئىزلارنى قالدۇردى؟

    بۇ، قىيىنچىلىقنى يەڭگەن بەش يىل، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن بەش يىل، قالتىس مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بەش يىل بولدى.

    بەش يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىغا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن تارىخىي ئۆزگىرىشنى نەقىشلىدى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك تارىخىي ھالقىش بەلگىسىنى سالدى، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە تارىخىي تۆھپىلەرنى پۈتتى.

    يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە چىقتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى

    جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۇڭشىن ناھىيەسى كونا ئىنقىلابىي رايونغا جايلاشقان نامرات ناھىيە بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە بىر مەيدان ئىس–تۈتەكسىز جەڭ ئېلىپ بېرىلماقتا.

    يۇڭشىن ناھىيەسى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ‹‹نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش›› نىشانىنى كۆزلەپ، پۈتۈن ناھىيەنى تۆت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى رايونىغا ئايرىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جېڭىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ، قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى پىلانى تۈزدى.

    يۇڭشىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شياۋ بىڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ كەسكىن جەڭنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرىمىز، دېدى.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

    ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىدىن ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىغا كىردى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى.

    پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    شان–شەرەپ ۋە ئارزۇ يۈكلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان قىلىنغان ھەل قىلغۇچ جەڭ قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ توسالغۇلارنى تۈگىتىشتەك بەش يىلنى بېسىپ ئۆتتى.

    2013–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە جەمئىي 55 مىليون 460 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئادەم ئازايتىلدى.

    بەش يىلدا ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كۆپچىلىك تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، كۆپچىلىك تېخىمۇ ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە قورغانغا ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلىنىپ، كۆپچىلىك تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتقا ئىگە قىلىندى...

    خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشتە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەسئۇلىيەتنى شۇنداق زىممىسىگە ئالدى، ئۆزىگە شۇنداق ئىشەندى.

    ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان، ئەمما بېجىرىلمىگەن چوڭ ئىشلار بېجىرىلدى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېتەكچى قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

    بەش يىل قالتىس تارىخىي مۇساپە بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە چىقتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

    بۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان يېڭى باسقۇچ. مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەيتىلىپ، قىيىن مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىندى، ھەرقايسى ساھەلەردە تىرەك خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن ئورنىتىلدى، بىر قاتار ئابىدە، ئاچقۇچ، يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ئىسلاھات تەدبىرى كەينى–كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن يېڭى باسقۇچ. بەش يىلدىن بۇيان يېڭىدىن 20 قانۇن تۈزۈلدى، سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيەمىزنىڭ قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.

    بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلگەن يېڭى باسقۇچ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بېسىم ھالىتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ غايە–ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

    سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگىچە- پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

    يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە راۋجلاندۇرۇلۇپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇلۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى، تەرەققىيات تېخىمۇ ئادىللىققا، تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە قىلىندى.

    ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىرگۈزۈلدى.

    دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە دۆلىتىمىز راۋاجلاندۇرغان تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، دۆلىتىمىز خەلقئارا ئىشلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشتى.

    مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى خەن چىڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجە ئۆستۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگىچە، ئىقتىسادىي بازىسىتىن ئۈستقۇرۇلمىغىچە، تەرەققىيات قارىشىدىن تەرەققىيات نىشانىغىچە، دۆلەت ئىچىدىن خەلقئاراغىچە تولۇق قانات يايدۇرۇلدى.

    قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ- جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

    سۈنئىي ھەمراھتىن يەر يۈزىگە كىۋانت مەخپىي ئاچقۇچى تارقىتىشتا يەر يۈزىدىن سۈنئىي ھەمراھقا كىۋانتلىق يوشۇرۇن يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8–ئاينىڭ 10–كۈنى سائەت 0 دە دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹موزى›› ناملىق ئىلىم–پەن تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئەڭ يېڭى ئىلىم–پەن نىشانىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

    ئاكادېمىيە باشلىقى بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت ئالاقىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئالدىدا تۇرىدىغان ئەۋزەل ئورۇنغا يېتىپ، باشلاپ يۈگۈرگۈچىگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بەزى ئۆتكۈر پەن–تېخنىكا ساھەسىدە ئەگەشكۈچىدىن تەڭ يۈگۈرگۈچىگە ھەم باشلاپ يۈگۈرگۈچىگە قەدەم قويۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر يېقىنقى زاماندىن بۇيان نۇرغۇن ئازاب–ئوقۇبەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇتۇلغانلىقىدىن ۋە يېڭى مەنزىلنىڭ ئۈزلۈكسىز يارىتىلغانلىقى ۋە راۋاجلاندۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

    بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە- تارىخىي ھالقىش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرماقتا.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىدراكىي ئويلىنىش، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قاتار يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

    خەن چىڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى كەڭ دەۋر، تارىخ ۋە ئەمەلىيەت نەزەرىگە ئىگە قىلدى.

    جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىدۇر. چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى سان ئارقىلىق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تايىنىش شەرت. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتۇر.

    بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى ئاساس-

    بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو ياسىمىچىلىقى جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو ئۆلچىمىگە يۈزلەندى، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلانى C919، ‹‹ئالەم كېمىسى–1›› قاتارلىق مۇھىم دۆلەت قوراللىرى ئارقا–ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، دېڭىز تەۋەلىكىدە تەبىئىي گاز–ھىدراتلارنى چارلاش قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلاردا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە 2–چوڭ تەتقىقات سېلىنما دۆلىتىگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئىقتىدارى روشەن ئاشۇرۇلۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

    بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى تايانچ -

    بەش يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى؛ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈلدى؛ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى مىسلىسىز ئىشەنچ بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى.

    بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى كاپالەت -

    بەش يىلدىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى، مەملىكەت بويىچە شەھەر–يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بەلگە قىلىنىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يېمەكلىك–دورا بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىش بەلگە قىلىنىپ، جامائەت بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بەلگە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى...

    گېرمانىيە ‹‹فرانكفورت ئوبزور گېزىتى››دە: دەسلەپتە ئۇ يىراق شەرقتىكى بىر دۆلەت ئىدى، كېيىن ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندى، بۈگۈنكى جۇڭگو كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىدىغان شەكىلدە جامائەتنىڭ ئېڭىغا تەسىر قىلماقتا، جۇڭگولۇقلار كارخانىلارنى سېتىۋالدى، كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئارقىلىق جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقاتتى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر شەھەرلەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بولۇپ قالدى، بۇ ھالەت ئۆزگەرمەي تۇرۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆسىدۇ، دېيىلدى.

    دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈش- جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتىدىن جۇڭگو لايىھەسىگىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىنسانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا مېڭىش يولىنى كېڭەيتتى

    دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى قانداق بولىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭچۇ؟

    ھازىرقى چوڭ ئۆزگىرىشتە، ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، نۇرغۇن سىياسىيون ۋە كارخانىچى تەشۋىش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە قالدى.

    بېيجىڭ APEC يىغىنىدىن خاڭجۇ G20 باشلىقلار يىغىنىغىچە، يەنە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگىچە جۇڭگو ساھىبخانا سۈپىتىدە كەينى–كەينىدىن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىيە پائالىيىتى پۈتۈن دۇنياغا بىر كۈچلۈك سىگنالنى، يەنى جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزگىرىش ياساش ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۈزۈم جەھەتتە ئىزدىنىشى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى.

    جۇڭگونىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ‹‹ئۆز يولىدا مېڭىش››تەك مەردانىلەرچە ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

    يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، بۇ، جۇڭگوغا نىسبەتەن شۇنداق، ھەرقانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.

    بەش يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بارلىق خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت توغرا يولدا باشتىن–ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، توغرا يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ‹‹ئىشەنچ››نى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىنىڭ بەلگىسى قىلدى.

    ئىشەنچ قەيەردىن كەلگەن؟

    ئىشەنچ ھازىرقى يولدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىش، نەزەرىيەدە ئۇدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمنى كۈندىن–كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتىن كەلگەن.

    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى تارىخىي جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا ياكى خەلقئارا جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا بىردىنبىر يول. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولى ھەم ئومۇمىيلىققا ھەم ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئومۇمىيلىقنى ئىگىلەش ئاساسىدىكى ئالاھىدىلىك بىر دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا تېخىمۇ مۇھىم.

    كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادا كۆپ خىللاشقان تاللاش يولى بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ئەلا تەرەققىيات نەتىجىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى جەھەتتە ئىزدىنىشى ۋە ئۇنىڭدا ئېغىشماي مېڭىشىنى تولۇق ئاساس ۋە ئىشەنچ بىلەن تەمىنلىدى.

    ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشى ئۈچۈن يېڭى يول تەقدىم ئەتتى.

    1989–يىلى ئامېرىكىلىق سىياسىيون فىرانسىس فۇكۇياما ‹‹تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى›› قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ھالبۇكى، تارىخ ئاخىرلاشمىدى، شۇنداقلا ئاخىرلىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جياڭ خۇي مۇنداق دېدى: باي–نامراتلىق پەرقىدىن مۇساپىرلار دولقۇنى كىرىزىسىغىچە، نارودنىكلىقنىڭ يامرىشىدىن تېررورلۇقنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغىچە، تارىخ ۋە رېئاللىق غەربنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنىڭ ئۆزىگە خاس زىددىيەت نۇقتىسىنى ۋە تۈزۈم چەكلىمىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

    جۇڭگو ئاچقان يېڭى زامانىۋىلىشىش يولى، شۈبھىسىزكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يول ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى

    بۇ، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش يولى بولۇپ، غەربنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ زومىگەر بولۇشتەك زامانىۋىلىشىش يولىدىن ھالقىپ كەتتى.

    فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېي مۇنداق قارىدى: دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى جۇڭگونى يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدىكى داڭلىق دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى، غەربنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى روشەنكى بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.

    يىراقنى كۆزلەيدىغان جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ئىدىيە بىلەن تەمىنلىدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7–ئاينىڭ 17–كۈنى مەركەز مالىيە–ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16–قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بولدى.

    دۇنيا ئىقتىسادى ئىزچىل تۆۋەن سەۋىيەدە ئايلىنىۋاتقان، سودا قورۇقچىلىقى ۋە دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈۋاتقاندا، ئوچۇق تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىۋاتقان جۇڭگو دۇنياغا قوينىنى كەڭ ئېچىپ، جۇڭگوچە سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

    بەش يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇشقىچە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقىچە جۇڭگو دۇنياغا ئۈمىدكە تولغان يېڭى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

    يېڭى مەنزىرىدىن يېڭى ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، يېڭى ئۈمىد يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئىلھام بېرىدۇ.

    جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى داۋاملىق ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جەزمەن تېخىمۇ جۇشقۇن قىياپەتتە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى