ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

    ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

    دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتىن كېيىن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى قايتىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنىڭ مەركەزنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى، ئىدىيەدە، قەدەمدە، ھەرىكەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي بوشاشماي قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زوراۋان–تېررورچىلارنى يىلتىزىدىن تولۇق يوقىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى تېخىمۇ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشاننى ۋاقتىدا توغرىلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىزام چىقىرىش تۈرلىرىنى تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇنچىلىق ئاساسى ۋە قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى؛ قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى؛ ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ھەم ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى؛ قانۇنچىلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق–تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئۆگىنىشتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەسقەر تۇرسۇن سۆز قىلدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى