ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرنى قەتئىي تازىلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:09   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى مەڭلىك سېيىت

    سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشكىلىي كاپالىتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن كۈرەشتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ پىلانلىغان ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللار›› پەيدا بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. چاتاق چىقىرىۋاتقان تېررورچىلارغا قارىغاندا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تېخىمۇ قۇۋ، تېخىمۇ رەزىل، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، ئۇلارنىڭ زىيىنى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىش–قىلالماسلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك مۇساپىسىگە، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ئاكتىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن بولغان چەك–چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەشنى كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولماسلىقىمىز كېرەك. شىنجاڭلىق كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا، بىردىنبىر، ئۈزۈل–كېسىل، شەرتسىز، ساپ، ھېچقانداق تەركىب ئارىلاشمىغان سادىقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىشىمىز، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز، باشتىن–ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، ھەرىكەتتە ئاڭلىق، تىلىمىز بىلەن دىلىمىز بىردەك بولۇپ، ھەرگىز خاتا سەپتە تۇرماسلىقىمىز، قەتئىي ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››، ‹‹ياخشىچاق›› بولماسلىقىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، كىشىلەرنى ئاسانلا ئالدىيالايدۇ. بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاشكارىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، يەنە بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تېخى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك توسالغۇ ۋە ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئومۇمىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ۋە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەپت–بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز كېرەك. تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، پارتىيەۋىلىكتىن چەتنەيدىغان سۆز–ھەرىكەتلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنى ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى ۋە ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىماسلىقى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىنى، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئاممىغا ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلىشى كېرەك. تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگىمۇ زوراۋان–تېررورچىلارغا ئوخشاش يوشۇرۇنىدىغانغا جاي ۋە قاچىدىغانغا ئىمكانىيەت قالدۇرماي، ئۇلارنى ئۇر–ئۇرغا قالغان كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئۇرۇشى دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك. تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، شەمشەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ، رەزىللىكنى تەلتۆكۈس يوقىتىشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىگە تۇتقان سىياسىي مەيدانىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتلەردىكى مەيدانى، پوزىتسىيەسىنى نۇقتىلىق كۆزىتىشى؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› بىلەن شۇغۇللانغان، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك قىلغان، ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەرنى مەيلى كىم بولۇشىدىن، قايسى دەرىجىدىكى كادىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بايقالغان ھامان قىلچىمۇ كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنى كادىرلار قوشۇنىدىن قەتئىي تازىلىشى كېرەك.

    ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر سىياسىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلەر، ھەرىكەت جەھەتتىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ئەخلاق جەھەتتىكى ساختىپەزلەردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، پارتىيەگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ئەپت–بەشىرىسى ۋە ئېغىر زىيىنىنى تولۇق تونۇشى، مەركەزنىڭ تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كادىرلار قوشۇنىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى