ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان ئاۋانگارت جەڭچىلەردىن بولۇشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نەشرىيات باشلىقى مەمەتجان ماخمۇت

    يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى قايتا ئوقۇپ، ئۇنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى، سەمىمىي مىللىي ھېسسىياتى، روشەن ھەق–ناھەق ئۆلچىمى، ئاددىي–ساددا خەلقچىل ھېسسىياتىدىن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرلەندىم.مەن ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەپ، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىمنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت سادايىمنى ئىپادىلەيمەن.

    مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، كادىر بولدۇم، پارتىيەگە كىرىپ، تەدرىجىي رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئاخبارات–نەشرىيات ساھەسىدە 3–تۈركۈمدىكى باشلامچى ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ تاللىنىپ، تەڭرىتاغ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىق خادىم دېگەن نامغا ئېرىشىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولدۇم. مەن ۋەتەن قوينىدا بەختلىك ياشاپ كېلىۋاتقان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ–يېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىي. مەن ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز قانات يايدۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھەم چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم! مەن زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەدەنىيلىككە، ئىنسانىيەتكە، ئىنسانىيلىققا قارشى مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىيلەر، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ مىللىتىمىزنى قەدەممۇ قەدەم تۇيۇق يولغا باشلىشىغا، تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىشىگە قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇراي؟ مەن بۇنداق ئەھۋالدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    زىيالىيلار ئىنسانىيەت تۈپ قىممىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ‹‹جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانلىق كىشىلىرى››، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ بولۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تارقىتىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان.

    ئەمما بىزنىڭ بەزى ئاتالمىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزغا، مەسىلە بار بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرى ئاپتورلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئىجادىيەت›› كۆز قارىشى ناھايىتى ئەكسىيەتچىل ۋە خاتا. ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەت ئارقىلىق ساختا تارىخ توقۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق تارىخ ياساپ چىقىش غەرىزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تارقاتتى؛ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى تېما قىلىپ، جەڭ مەيدانى كۆرۈنۈشىنى قەستەن ھەددىدىن ئارتۇق تەسۋىرلەپ، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى خاتا يولغا باشلىدى؛ ئەسەرلىرىگە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا زىت يول تۇتتى؛ تار مىللىي ھېسسىياتنى بازارغا سېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك كۆز قارىشىنى تارقاتتى؛ شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى بۇرمىلايدىغان سەپسەتىلەرنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە نارازى بولغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئېلان قىلدى.

    بۇنداق مەسىلە بار نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ غەرىزى زادى نېمە؟ ئۇلار بىز ئۇيغۇر ئاممىسىنى قانداق قاراڭغۇ كەلگۈسىگە باشلىماقچى؟

    ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ بىر قىسمى. مەسىلە بار بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئۆزى ئويدۇرۇپ، توقۇپ چىققان تارىخ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن دەيدىغان يالغان سۆزلەرنى تارقىتىپ، يەرلىك ھاكىمىيەتنى جۇڭگو بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرىدىغان مۇستەقىل ‹‹دۆلەت›› دەۋالدى، مەسىلە بار نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ھەمدە ئۇلار قۇرغان يەرلىك ھاكىمىيەتلەر جۇڭگونىڭ سىرتىدا مۇستەقىل بولۇپ تۇرغان ‹‹مۇستەقىل دۆلەت›› ئىدى، دېگەن بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ئاشكارىلىدى.

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئورتاق راۋاجلىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ ئېلىمىز تارىخىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، بۇ جەرياندا 56 مىللەتنىڭ بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش تارىخى شەكىللەنگەن، ھەر قايسى مىللەتلەر كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغان. مەسىلە بار بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئېلىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي تەرەققىيات ئېقىمىغا كۆز يۇمۇپ، تارىختىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش، قىرغىنچىلىق قىلىش، بىر–بىرىنى يۇتۇۋېلىشتەك تارماق ئېقىمىنى كۈچىنىڭ بارىچە مۇبالىغە قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە بۇرمىلىدى. قەدىمكىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقىنى مەسخىرە قىلىپ، يامان غەرەز بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، كۈشكۈرتۈپ، مىللەتلەر ئىناقسىزلىقىنى پەيدا قىلدى.

    ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››تا چىڭ تۇرغاندىلا، مۇرەككەپ تارىخىي ھادىسىنى توغرا كۆزىتىپ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تارىخقا ئىلمىي جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلە بار بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلمىغان، ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمران سىنىپ، گۇرۇھ ئارىسىدىكى، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ماركسىزملىق ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئانالىز قىلماي، ئەكسىچە ھۇن، تۈرك قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى، دېگەننى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقاردى، ئۇلار قىلغان جەڭلەر، جۈملىدىن تالان–تاراج خاراكتېرلىك جەڭلەر، بىرلىككە كېلىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جەڭلەرنىڭ ھەممىسىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك، ھەققانىيەت جېڭى، دەپ ئاتىدى. مەسىلە بار نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى مۇشۇنداق مەيدانغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ياقلىغان ۋە ئاز سانلىق مىللەت بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلغان تارىخىي شەخسلەرنى ‹‹خائىن›› دەپ تىللاپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، مەركىزىي خاندانلىققا قارشى تۇرغانلارنى ‹‹قەھرىمان›› دەپ ئاتاپ، ‹‹ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق›› ئۈچۈن ‹‹كۈرەش›› قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى ماركسىزملىق سىنىپىي قاراشتا تۇرۇپ تەھلىل قىلماي، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بەزى تارىخىي ھادىسە ۋە تارىخىي شەخسلەرنى پۈتۈنلەي تار مىللەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ كۆزەتتى ۋە باھا بەردى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ غەرىزىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

    بۇ مەسىلە بار كىتابلار ۋە مەسىلە بار كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى مىللىي ‹‹مۇستەقىللىق››نى يادرو قىلغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان بىر قاتار خاتا ئىدىيە، كۆز قاراشنى تەپتارتماستىن تەرغىب قىلدى ۋە تارقاتتى. ئۇلارنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى، نەزەرىيە قارىشى ۋە سىياسىي مەيدانى ‹‹پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم›› ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش، بۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى قىلغانلىقىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر.

    مىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداپ كەلدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان باتۇر، جەسۇر ئۇيغۇر قەھرىمانلار بارلىققا كەلدى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى 56 مىللەت ئورتاق بەرپا قىلغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ 56 مىللەتكە تايىنىپ ئورتاق بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز بولغاچقىلا، جۇڭخۇا مىللىتى پەخىرلەنگەن ھالدا دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، مەسىلە بار بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئاپتورلىرى ‹‹ئاتالمىش زىيالىي››لار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋەتەن زېمىنىدا مېھىر–شەپقەتكە جاۋاب قايتۇرماي، زەھەرخەندىلىك، ئۆچمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ زىيالىي ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى ئەخلەتلەرنى پەيدا قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان جىنايەتچىلەر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر. بىز ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيمىز، ئۇلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىمىز، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز، ئۇلار بىلەن زادىلا چىقىشالمايمىز.

    ئۇيغۇر زىيالىيلار، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغانلىقىمىز خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك، دۈشمەنگە يول قويغانلىق، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە ئاسىيلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتە ۋىجدانلىق كىشىلەردىن، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن–ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىشىمىز؛ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتكە سادىق بولۇپ، ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى