ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئەدەبىيات–سەنئەت سېپىدىكى باتۇر جەڭچى بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    

    ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئاسىم

    مەن قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىسى، مەن خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن، بۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىم دەپ قارايمەن؛ مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ دۆلەت تىلى ئۆگەندىم، كېيىن تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇپ، ئىككىلا خىل تىلدا بىلىم ئالدىم، بۇمۇ مېنىڭ بەختىم؛ مەن ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ھېكايە يېزىشقا باشلىغاندا ھەر مىللەت ئۇستازلار ماڭا زور ياردەم بەرگەنىدى، بۇمۇ مېنىڭ بەختىم.مەن كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى ئارىسىدا چوڭ بولدۇم، بۇ جەرياندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۆزئارا ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان، ئۈلگە ئالىدىغان ۋە ھۇزۇرلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم.

    پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت كەسپى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھەر مىللەتتىن بولغان ياشانغان، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىزنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ئىشلىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ئارقىلىق تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا قىسمەن مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن ئېغىر. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچىل ئىدىيە تارقىتىپ، قىسمەن ئاممىنىڭ مېڭىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قىسمەن ياشلارنى زەھەرلەپ، جەمئىيەت خاتىرجەملىكىگە ۋە ئىناقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى. ئەدەبىيات – سەنئەت سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئويلانغان ۋاقتىمدا، دائىم ئۆزۈمگە نېمىشقا بۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، دەپ سوئال قويدۇم. بىرىنچىدىن، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سىڭىپ كىرىپ، سىياسىي ئىرادىسى ئاجىز، دۆلەتنى تونۇش ئېڭى ئاجىز كىشىلەرنى ئەتراپىغا تارتىپ، ئالداپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹پانتۈركىزم›› ۋە ‹‹پانئىسلامىزم›› ئىدىيەسىنى ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ۋە روھىيىتىنى زەھەرلىدى؛ ئىككىنچىدىن، تەھرىرلەش، نەشر قىلىش، ئوقۇش – تەكشۈرۈشتە ئىنچىكە بولماسلىق، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىمەسلىك، مەسىلە ئېڭى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى، مەسىلە ۋاقتىدا بايقالمىدى، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئېلان قىلىنغان، نەشر قىلىنغان قىسمەن ئەسەرلەر سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئوقۇلمىدى، ھۆكۈم قىلىنمىدى، ئىدېئولوگىيە بازىسى مەھكەم ئىگىلەنمىدى؛ ئۈچىنچىدىن، قىسمەن يازغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچلۈك بولماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇردى. بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا، ھوشيارلىقىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

    ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەستايىدىل ئۆگىنىش، قايتا ئويلىنىپ خۇلاسە قىلىش ئارقىلىق، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىمىزدە، بولۇپمۇ قىسمەن تارىخىي تېمىدىكى رومانلاردا تۆۋەندىكىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدىم: بىرىنچى، تارىخنى ئويدۇرۇش. قىسمەن يازغۇچىلار تارىخنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلماي، پارچە – پۇرات ‹‹تارىخىي ماتېرىيال››نى قۇراشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان تارىخىي ۋەقەلىكنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، ‹‹يۈرەكلىك›› ھالدا ‹‹تەپەككۇر›› قىلىپ، ئاتالمىش تارىخىي ‹‹تەپسىلات››نى توقۇپ چىقتى، ‹‹ماتېرىيال›› يىغىشتا ئەپقاچتى گەپلەردىن پايدىلىنىپ، خالىغانچە ئويدۇرمىچىلىق قىلدى؛ ئىككىنچى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ‹‹پانتۈركىزم››، ‹‹پانئىسلامىزم›› ئىدىيەسىنى يوشۇرۇن تارقىتىش، بەزى ئەسەرلەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنىپ، ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ دىيالوگلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا پايدىسىز ‹‹ئىنچىكە نۇقتا››لار يورۇتۇلۇپ، مىللىي كەيپىياتقا قۇتراتقۇلۇق قىلىنىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىندى؛ ئۈچىنچى، ‹‹غازات›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، قىسمەن ئەسەرلەردە دىندىن پايدىلىنىلىپ، دىندىن ساۋاتى يوق ئامما قايمۇقتۇرۇلۇپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتە تەرغىب قىلىندى، ئوقۇرمەنلەر ئازدۇرۇلدى، ‹‹غازات›› ئىدىيەسى ئاشكارا، يوشۇرۇن تەرغىب قىلىنىپ، قىسمەن ئامما، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىندى.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتا، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلماقتا. بىزنىڭ بۇ كۈرەشتىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك. بىز مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز، ئالدىنىپ كەتكەن، زەھەرلەنگەن ئاممىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمىز، ھەممىمىز ئويغىنىشىمىز، ھەممىمىز ئەيىبلىشىمىز، ھەممىمىز كۈرەش قىلىشىمىز، كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىش قەسىمىمىزنى يادىمىزدا چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

    بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىپ، ھازىرقى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى تىرىشىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىجابىي كۈچكە تولغان ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق خەلقنى رىغبەتلەندۈرۈشىمىز، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئوي – پىكىرگە ئىگە، سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا بارلىقىنى ئاتىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، خەلق ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەردىن بولۇشىمىز، غايە، ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت جەڭچىلىرىدىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى