ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

دىنىي ساھەدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:03   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئىبلىس قولىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا سۇنۇپ، جۈمە تاھىر داموللىدەك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قەستلەپ ئۆلتۈردى، دىنىي زاتلارنى يېنىغا تارتتى، قايمۇقتۇردى ۋە زەھەرلىدى، بىزنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، دىنىي زاتلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دۈشمەننىڭ ئەپت–بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرمەي، دۈشمەننىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق تونۇيالماي، ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە يېنىغا تارتىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››گە ئايلىنىپ، ۋەتەن، خەلق ۋە مىللەت بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان تۇيۇق يولغا ماڭدى.ئۇلار تەشكىلنىڭ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، مەسچىتتە بىر خىل، مەسچىت سىرتىدا بىر خىل، كۈندۈزى بىر خىل، كەچتە بىر خىل قىياپەتتە يۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى ئۆزىنىڭ غوجىسى دەپ قاراپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قورالىغا ئايلىنىپ، دۈشمەننىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، سېپى ئۆزىدىن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››گە ئايلاندى.

    بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تەشكىل ئالدىدا پۈتۈنلەي پارتىيەنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان گەپلەرنى قىلسىمۇ، تەشكىلنىڭ كەينىدە ‹‹ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىي نەزەرىيەسى›› ۋە ‹‹پانتۈركىزم››، ‹‹پانئىسلامىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دىندىن خالىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاتالمىش ‹‹ئىسلام شەرىئىتى›› بويىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خەلىپىلىك قۇرۇش. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر مەسچىتتە ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى سۆزلەيدىغان بولسىمۇ، مەسچىت سىرتىدا ‹‹غازات›› ئارقىلىق ‹‹ئاللانىڭ ئەمرى››نى بەجا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاتالمىش ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان سەپسەتىنى تەرغىب قىلىپ، ‹‹مۇسۇلمانچە›› دېگەن ئۇقۇمنى كېڭەيتىپ، ‹‹ھالال››، ‹‹ھارام›› دەپ قارىسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ‹‹ئۆلۈم–يېتىمدە يىغلاشقا، توي–تۆكۈندە نەغمە-ناۋا قىلىشقا بولمايدۇ›› دەپ جار سالدى. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارا سورۇنلاردا ھەدەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، خۇپىيانە جايلاردا خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشقا قۇترىتىدىغان ‹‹كۇپپارلىق نەزەرىيەسى››نى تەرغىب قىلىپ، ‹‹ئاللا››غا ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ‹‹كۇپپار››، ‹‹مۇرتەت›› دەپ، ئاتالمىش ‹‹كۇپپارلار››نى مەسخىرە قىلىش، مازاق قىلىش، يېتىم قالدۇرۇش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرگەندە ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي ‹‹دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىمىز›› دەيدىغان بولسىمۇ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يەنىلا دۆلەتنىڭ قانۇنىنى ئەمەس، بەلكى دىنىي شەرىئەتنىلا تونۇپ، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››نى بارلىق ھەق–ناھەقنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئۆلچەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بارلىق دەھرىي قاراشلارنى، دۆلەتنىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمى، قانۇن–تۈزۈمى، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى چەتكە قاقىدۇ. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارا ۋەز ئېيتقاندا ئاياللارغا چىرايلىق كىيىنىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدە ئايالى ۋە قىزلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنى غەلىتە رومال ئارتىپ، كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان نىقابلىق كىيىملەرنى كىيىشكە مەجبۇرلاپ، ئاتالمىش ئىسلامچە كىيىم–كېچەكلەرنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان تۇغما تەبىئىتىگە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئىلىمنى قەدىرلەپ، مائارىپنى قوللىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدە ئىلىم–پەنگە قارشى تۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىياسىتى توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلەپ، پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويماي، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى چەتكە قاقىدۇ.

    دىنىي زاتلار ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي زات تونىغا ئورىنىۋېلىپ، قانۇنلۇق سالاھىيەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالداۋاتىدۇ.ئۇلار چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپلا قالماستىن، بەلكى قايمۇقتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دىنلار ئىناقلىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ناھايىتى زور. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان پاسسىپ ئاڭنى قەتئىي يوقىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، قەتئىي ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تونۇپ بېرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئېچىپ تاشلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك سادايىم ئارقىلىق دىنىي ساھەدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت–بەشىرىسىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سەپسەتىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىمەن. ئىچى-تېشىم ۋە سۆز–ھەرىكىتىمنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

    شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما قاراڭغۇ بۇلۇڭ–پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئاز بىر ئوچۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئومۇميۈزلۈك پاش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، چوقۇم قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرۈۋاتقان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى تەلتۆكۈس يوقىتالايمىز!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى