ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 08- كۈنى 03:33   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن جەزمەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشى كېرەك.

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

    ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان دانا، توغرا تەدبىردۇر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرى كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك بولغان. شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىز بۇنى چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، دىققەتنى چاچماي، ئىككىلەنمەي، ‹‹مەقسەتكە يەتمىگىچە بولدى قىلماسلىق››، ‹‹قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەسلىك›› روھى بىلەن باش نىشاننى شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەزمەن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، سىستېمىلىق تۈزىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى 1–دەرىجىلىك مۇھىم ئىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈزگەن خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تەسەۋۋۇرى، سىياسەت–تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قارىتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز؛ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرگەن بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەريانىدا ئالدىن پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەزمەن زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، توپلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

    باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسى جەريانىدا ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قاتارلىقلارنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق–تەربىيە، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتا سالمىقى تېخىمۇ زور، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، رولى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

    باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەر مىللەت ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يېقىندىن تايىنىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى خەلقتە. بىز ئاممىغا كەڭ دائىرىدە تەربىيە بېرىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە ئەپت–بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىشىمىز كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىشقا دائىر تەشۋىق–تەربىيەنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇش، ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە چېتىلىدۇ. بىز باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىسەكلا، بارلىق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى