ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

تىل ئالاقىسىدە مەدەنىي بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:46   |    ئاپتور : ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تىل ئالاقىسى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى جەريانىدا شەكىللىنىپ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. تىل ئىشلىتىش ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ئىقتىدارى ۋە ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئەمما ھەرقانداق سۆزنى ئېيتىۋېرىش ئىقتىدار ۋە ئارتۇقچىلىق ھېسابلانمايدۇ. بۇ دەل تىل ئالاقىسىدە ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە مىزانلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش، دوستلۇقنى، ئىناقلىقنى قەدىرلەش، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنى، ئاتا – ئانىنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلار بىلەن ئىناق – ئېجىل ئۆتۈش ئەنئەنىلىرى بولغان ۋە بۇ ئەنئەنە مۇقەررەر رەۋىشتە ئاشۇ ساھەلەردىكى تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

    ئىنسانلار ئىجتىمائىي ئالاقىدە تىلنى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ۋاسىتە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىدا تىل مەدەنىيىتى جەزمەن ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ‹‹بىر ئېغىز خاتا گەپ قىلساڭ، ئون يىل پۇشايمان قىلىسەن››، ‹‹تاتلىق سۆز خۇش قىلار، ئاچچىق سۆز غەش(قىلار)››، ‹‹توغرا سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى(يارار)››، ‹‹تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق تاش(يەر)››، ‹‹ئويلىماي سۆزلىگەن ئاغرىماي ئۆلەر، ئويلاپ سۆزلىگەن يىغلىماي كۈلەر››، ‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن››. مانا بۇلار تىل ئالاقە مەدەنىيىتىدىكى تەشەببۇس ۋە تەلەپلەر بىلەن سۇغىرىلغان ئۆرنەكلەردۇر.

    تۆۋەندە تىل ئالاقىسىدە مەدەنىي بولۇش ئەنئەنىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە قىلماقچى:

    1. تىلى گۈزەل بولۇش: تىل بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر گەۋدە بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر تىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا تىلنىڭ قانداق بولۇشى يەنى سۆزنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە زور تەسىر كۆرسىتىپ، مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن، كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت – قىلىقلىرىغا قارىتا مۇئەييەن ئەخلاقىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن تەڭ تىل ئالاقىسىگە ئالاقىدار تەلەپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەخلاقشۇناسلىرىمىزمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە تىلى گۈزەل بولۇش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىش، يامان سۆزلەرنى قىلماسلىق توغرىسىدا كۆپ تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاتا – بوۋىلىرىمىز تىلى گۈزەل، مەدەنىي بولۇشنى پەزىلەت، تىلى سەت، قوپال بولۇشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغاچقا، ئادەتتە كىشىلەر بىر – بىرىگە قوپال، سەت، بىمەنە، ھاياسىز سۆزلەرنى قىلىشتىن ۋە باشقىلارنى تىللاش، ھاقارەتلەشتىن چەكلىنىدۇ. تۇرمۇش، سودا – سېتىق، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك ئالاقە، ئېلىم – بېرىم ئىشلىرىدا تىلىمىزدىكى گۈزەل، مەنىدار، سىلىق، شېرىن، سىپايە ۋە يېقىملىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

    2. راست سۆزلەش: راستچىللىق كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ئادىمىيلىكى ۋە ساپاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىغان بىر خىل ئەخلاق ئېڭى ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەت بولغاچقا، خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىدە راست سۆزلەشكە، يالغان سۆزلەپ كىشىلەرنى ئالدىماسلىققا، دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى راست سۆزلەش ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ. ئەگەر بالىلىرى يالغان سۆزلەپ قالسا، ئۇلارغا قاتتىق تەنبىھ بېرىش ئارقىلىق، راست سۆزلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. كىشىلەر تىجارەتتە، سودا – سېتىقتا ۋە ئېلىم – بېرىمدا دۇرۇس بولۇش ۋە راست سۆزلەشنى مۇھىم مىزان ھېسابلاپ، يالغان سۆزلەيدىغانلارنى ‹‹كاززاپ›› (دائىم يالغان سۆزلىگۈچى) دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ھۆرمىتىدىن، ئابرۇيىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئىشلىرى مەڭگۈ روناق تاپمايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر مەردلىك، ئىززەت – ئابرۇي، سەمىمىيەت ۋە ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، راستچىل بولۇش، يالغان ئېيتماسلىق، ۋەدىسىدە تۇرۇشنى ئەخلاق نورمىلىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ، ئۇلارنى ئۆرپ – ئادەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

    3. ئاز، ئورۇنلۇق سۆزلەش: تىل ئالاقىسىدە تىلنى تىزگىنلەپ ئېھتىيات بىلەن ئاز سۆزلەش، ئورۇنلۇق سۆزلەش تەكىتلىنىپ، كۆپ سۆزلەش تەنقىدلىنىدۇ. خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىمۇ گەپ – سۆزدە ئېھتىياتچان بولۇش، ئاز سۆزلەش، كۆپ سۆزلەپ تىڭشىغۇچىلارنى بىزار قىلىشتىن ۋە مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاز سۆزلەش، ئورۇنلۇق سۆزلەش ۋە ئېھتىيات بىلەن سۆزلەش كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپلا قالماي، سۆزلىگۈچىنىڭ ئادىمىيلىكىنىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئاممىۋى سورۇنلاردا، مەشرەپ سورۇنلىرىدا، تۈرلۈك يىغىلىشلاردا ۋە مۇراسىملاردا بىھۇدە كۆپ سۆزلىمەسلىك، باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گېپىگە لوقما سالماسلىق، تېتىقسىز چاقچاق قىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زىتىغا تەگمەسلىك، كىچىكلەر چوڭلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشماسلىق، بىراۋنىڭ گېپىگە سۆز قىستۇرماسلىق ۋە گەپنى ئاۋۇتۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى بىزار قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان ئەخلاق نورمىسى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئالىدۇ.

    خەلقىمىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىش مەقسىتىدە خۇددى ھەممىنى بىلىدىغان قىياپەتتە توختىماي سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى ‹‹كوت – كوت››، ‹‹ۋالاقتەگكۈر›› دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە جامائەت سورۇنلىرىدىن ئورۇن بەرمەيدۇ. دېمەك، تىلنى تىزگىنلەپ، ئاز سۆزلەش، ئورۇنلۇق سۆزلەش، كېرەكلىك سۆزلەرنى قىلىش كىشىلەرنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتىن ساقلاپ، مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق بىرتەرەپ قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

    خەلقىمىز ئەزەلدىن تىل ئالاقىسىدە مەدەنىي بولۇشنى ئەخلاق ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلگەن. تىلى گۈزەل بولۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، راست سۆزلەش ۋە ئاز سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە خۇشامەت قىلىشقا، تەخسىكەشلىك قىلىشقا، ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشقا، تۆھمەتخورلۇققا، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشقا، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇشقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان ۋە ئەيىبىنى ئاچىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ۋە بۇنداق قىلىشنى پەزىلەتسىزلىك دەپ قاراپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تىل ئالاقىسىدە مەدەنىي بولۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك زور ئەھمىيەتلىرى بار:

    1. تۇرمۇشتا ئەر – ئايال، ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنتلەر، ئاكا – ئىنى، ھەدە – سىڭىللار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ئىناق، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتا ئەھمىيىتى زور.

    2. خىزمەتتە خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، رەھبەر بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور.

    3. سودا – سېتىق ئىشلىرىدا پىرىكازچىك بىلەن خېرىدارلار، سودىگەر بىلەن مال سېتىۋالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، سودىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە روناق تېپىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

    4. ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بولسا، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تىل تەربىيەسىگە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    5. ئانا – ئانىلار تىل ئالاقىسىدە مەدەنىي بولۇشتا بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، راستچىل، سەمىمىي ۋە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    6. مۇلازىمەت ساھەسىدە مۇلازىمەتچىلەر بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور.

    7. قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئەھمىيىتى زور.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى