ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ئۇسسۇل بايرىمى ‹‹مەدەنىيەت كۆۋرۈكى››

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:43   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان

    مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باشلىنىپ، 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە 50 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت تاماشىبىن 60 مەيدانغا يېقىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئويۇننى كۆرۈپ، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارغا ئىگە بولدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى جۇڭگو بىلەن خەلقئارانى تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹مەدەنىيەت كۆۋرۈكى›› بولدى.

    ئون دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 21 سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئۇسسۇلچىلار ئېچىۋېتىلگەن بۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسىدا ئېسىل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، يىپەك يولىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن چەت ئەل مەدەنىيىتى بۇ جايدا ھەقىقىي ئۇچرىشىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى. رەڭدار يىپەك يولى››نى ئورتاق نامايان قىلدى. ئۇسسۇل بايرىمىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ زامانىۋى نومۇرلىرى ئورۇنلاندى. بۇ زامانىۋى مەدەنىيەت نامايان قىلىنىدىغان سۇپا بولۇپلا قالماي، دۇنياۋى كىلاسسىك سەنئەت ئەسەرلىرى تارقىلىدىغان سەھنىگە ئايلاندى. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭخۇا چاڭچىلە سەنئىتى ھەپتىلىكى، شىنجاڭ ياشلار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئاسارئەتىقىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو ياشلار ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھەقسىز ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى.

    جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا ‹‹دۇنياغا شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈش، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش››تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەقسەت ۋە ئىدىيەگە ئەمەل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىياپىتى، شىنجاڭلىقلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئۇسسۇل ئارقىلىق نامايان قىلىندى. ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوينالغان ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى›› ناملىق ئۇسسۇل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت ھالقىغان بۇ كاتتا سەنئەت مەرىكىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق نامايان قىلىندى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى ئورۇنلىغان سەنئەت كېچىلىكلىرى ئارىسىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى نادىر سەنئەت نومۇرلىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تىياتىرلىرىمۇ بار. تاماشىبىنلار نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، ئوخشاش بولمىغان مول ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىي، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا ئاساس سالدى.

    بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ئۈچۈن تاللانغان چەت ئەل نومۇرلىرى بىر – بىرىدىن سەرخىللىقى بىلەن ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل ئۆمەكلىرىنى ۋە ئويۇنلارنى تاللاش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى.

    ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرى، ئۆگىنىش، ئىلمىي ئالاقە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنى تونۇشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشتەك يېڭى ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا بولغان تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابلاجان ئەيسا.

    ئۇسسۇل بايرىمى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇق. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سەر خىل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ ھەقىقەتەن ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگودا مول مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق، دېدى گىرۇزىيە دۆلەتلىك ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دېكبۇئادزا كاخا.

    بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنى ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ خەلقئاراغا داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرى ئورۇنلىغان نادىر سەھنە ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سەنئەتكارلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا بىر – بىرىدىن ئۆرنەك ئالىدىغان كاتتا سەھنىگە ئايلاندى.

    ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلار ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى، دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى ئابدۇغېنى ئابدۇرازاق، بايرام شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى›› بىلەن باشلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات تۇرمۇشى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق جانلىق نامايان قىلىنغان بولسا، بايرام ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ئورۇنلانغان ‹‹مۇقام ناۋاسى›› تاماشىبىنلارغا باشقا ئەللەرنىڭ نومۇرلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ نومۇرلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى. سەنئەتكارلار دۆلەت، مىللەت چېگراسى يوق ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلىدى. بۇ بايرام بىزدەك ياش سەنئەتكارلارغا ئۆزىمىزنى تاۋلايدىغان ھەم ئۆز ماھارەتلىرىمىزنى كۆرسىتىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەن بۇرۇنقى تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل بايرىمىدىن ئالغان تەسىراتلىرىم ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ قېتىمقى بايرامدا ئۆز ئىجادىيىتىمگە سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم.

    جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم سۇپا. بۇ بايرام بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىش، تاشقى سەنئەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يارقىن ماركىغا ئايلاندى. ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. ئىشىنىمىزكى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئۇسسۇل بايرىمى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقئارا سەۋىيە، مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەدەنىيەت – سەنئەت مەرىكىسىگە ئايلىنىدۇ! شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاشتۇرۇشقا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى