ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

ترامپ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:41   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 23-ئاۋغۇست ئامېرىكا نېۋادا ئىشىتاتى رېينولدتا ئامېرىكا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ 20 مىنۇتقا يېقىن سۆزلىگەن نۇتقىدا نۇرغۇن قېتىم «ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ‹‹جاراھەت››لەرنى بىرلىكتە ساقايتىشقا چاقىردى. ترامپ ئارقىدىن بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مېيىپلىق تۆلەم تەرتىپىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تېخىمۇ ياخشى بولغان داۋالاش شارائىتىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى