ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاڭلايمەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غالىپ ياسىن

    كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىق ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلدى. ‹‹خىتاب›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ناھايىتى تېزلىكتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى ۋە ئورتاق سادانى ياڭراتتى، مېنىڭ قەلبىممۇ زىلزىلىگە كەلدى.

    كىچىكىمدىن تارتىپلا شىنجاڭدا ياشاپ كەلدىم، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، ھەر بىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس، ھەر بىر قەدىمىمدە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ كەلدىم. شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىلا يەردە كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    بۇ يىل نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ قوشقۇدۇق كەنتىگە چۈشتۈم. بۇ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. بۇ يەردە يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار يېقىن ئەتراپتا ھەقسىز يەسلىگە كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاتا–ئانىلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى؛ دۆلەت يەنە كېۋەز، بۇغداي تېرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش، ھويلا–ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن تولۇقلىما بېرىش ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. خەلققە، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت ۋە دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، يالغان تەلىماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئادەتتىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى چىرىتىپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتۈپ ۋە قايمۇقتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دىنلار ئىناقلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپىگە ئايلاندى. زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى، قەبىھ ۋاسىتىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. زوراۋان–تېررورچىلار زادى نېمە ئۈچۈن توختىماي ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە››، ‹‹خەلق تىنچلىقنى تىلەر، دۈشمەن مالىمانچىلىقنى››، ‹‹ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى بېغىدىن ئايرىلغان بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ›› دېگەن ماقال–تەمسىللەر بار، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە›› بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ، دەۋرگە زىت كېلىدۇ.

    تارىخىي ئەمەلىيەت بۇرۇنلا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، مىللەتلەر ئۆزئارا ئېجىل–ئىناق ئۆتۈپ، بىر–بىرىگە تايىنىپ، بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەر ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن. ۋەتەنگە، بىردەكلىككە تەلپۈنۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل تارىخىي ئەنئەنىسى، تۇرغۇتلارنىڭ شەرققە قايتىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىشىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىشكىچە بولغان جەرياندىكى ئىش–ئىزلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش روھىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    مەدەنىيەت سېپىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئىس–تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇيمەن. غايە–ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كۈندىلىك خىزمىتىمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمنى تىرىشىپ زىممەمگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەلرايىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇجەسسەملەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مۇجەسسەملەيمەن.

    پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى خاس ئەۋزەللىكى ۋە تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىقلىق، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە پاش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم نەمۇنىچىلاردىن بولىمەن، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداشقا ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بۇ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن. زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپلا قالماستىن، يەنە ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەتكە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە قىلچە پۇرسەت بەرمەي، زوراۋان–تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمەن. بېكىنمە، مۇتەئەسسىپ ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرۇلما، ئېچىۋېتىلگەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەلبىمدە ئىدراكىي كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلىق، ھەمدەملىككە تولدۇرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغانلا بولساق، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن خورىكىنى چوقۇم يەرگە ئۇرالايمىز، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامىنى چوقۇم مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقالايمىز.

    ‹‹ئوغرىتىكەن تۆگىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ››، بىر ئوچۇم زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خام–خىيالى ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ۋە جانپىدالىق بىلەن ئېلىشىدىغانلا بولساق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى