ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:23   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭگو خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ئەخمەت تۇرسۇن

    شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھايات–ماماتتا بىللە بولىدىغان، بەخت–سائادەتنى بىللە كۆرىدىغان، جاپا–مۇشەققەتنى بىللە تارتىدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. ۋاھالەنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى يوقاتمىغىچە شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە مەڭگۈ ئارامچىلىق يوقلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي، پۇختا ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى ساقلىدى، بىز تەستە قولغا كەلگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. پارتىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان تەربىيەلىگەن دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سۇغۇرتا ساھەسىدە ئىشلىگەن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، شىنجاڭ مۇقىم بولغاندىلا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك ۋە ئىناق بولىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، بۇ مۇنبەت تۇپراق تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ، تېخىمۇ بەختىيار بولىدۇ!

    بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەن:

    بىرىنچى، پارتىيەگە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەگە سادىق بولۇش كومپارتىيە ئەزاسىغا قويۇلغان ئەڭ تۈپ سىياسىي تەلەپ، شۇنداقلا بۇ يەنە مېنىڭ قەتئىي قەسىمىم، ئۇنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇمنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدە نامايان قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئىدىيەدە يادرونى ھىمايە قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، ھەرىكەتتە يادروغا زىچ ئەگىشىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەدىمىمنى مەزمۇت ئېلىپ، مەيدانىمنى قەتئىي قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خاتا سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق خاتا ئىدىيە ۋە خاتا خاھىشلارنى مەردانىلىك بىلەن تەنقىدلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيىمەن، ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق››تەك مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئىجرا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادەمگە ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن.

    ئىككىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، مۈشكۈل كۈرەش. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ‹‹زەمبىرەك يېمى›› ۋە قولچوماقچىلىرىغا ئايلىنىپ، مۇقىم، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ باغرىدىلا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ. بىز ھەر ۋاقىت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سەپسەتىلىرىنى پاش قىلىپ، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئايرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئەڭ ئۈزۈل–كېسىل كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

    ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى قانچىكى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشسا، ۋەتىنىمىز شۇنچە قۇدرەت تاپىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق خاتا ئىدىيە ۋە رەزىل قىلمىشلار خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، مۇقەررەركى، كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا ئۇچرايدۇ. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا سالاھىيىتىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باش بولۇپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز–ھەرىكەتكە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن!

    تۆتىنچى، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى پائال زىممەمگە ئېلىپ، كارخانىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمەن. شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسىنىڭ جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ‹‹قىزىل گېن››ىغا باشتىن–ئاخىر ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹خەلق سۇغۇرتىسى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى چوڭقۇر مۇھەببىتىمىز بىلەن ئادا قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئەخلاقىمىز بىلەن كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھالقىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا تىپ ئۆزگەرتكەن خاس تەرەققىيات يولىنى ياراتتۇق. جۇڭگو خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىق ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىركەتنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىم، شۇنداقلا ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي ئادا قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم بار. كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، سىياسىي مەسئۇلىيىتىم ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتكومى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ‹‹ئۈچنى تۇتۇش، بىرنى ئىلگىرى سۈرۈش›› (پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى تۇتۇش، قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش) پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلدى.

    خەلق ئەمىن، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق، كارخانىمۇ مۇقىم، ئىناق تەرەققىيات كەيپىياتىغا موھتاج، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خەلقىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشىگە، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، مىللەتلەرنىڭ قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى ۋەيران قىلىشىغا قەتئىي قاراپ تۇرمايمىز، بارلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى