ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 02:47   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون بويىچە كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا (1)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش غەيرىتى ھەم جاسارىتى بىلەن، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر راۋاجلانغانلىقىدىن، دىققەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن كۆك نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا دەل جايىدا كۈچ سەرپ قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە سىمۋوللۇق كۆرسەتكۈچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سەپەرۋەر قىلىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بىر مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوزغىدى، جەڭنىڭ سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن – ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلىدى، يېقىندا يەنە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كۆك نامراتلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىپ، كۆك نامراتلىققا ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىرى بولۇپ، بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە نەسىھىتىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاپ، دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىش ۋە ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى تونۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور تەخىرسىز سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتى روشەن ياخشىلاندى. بىراق، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئالاھىدە تارىخىي ئامىل، ئىجتىمائىي ئامىل ۋە تەبىئىي ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا نامرات ئاھالىنىڭ سانى كۆپ، نامراتلىق ئەھۋالى ئېغىر، نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش ئېغىر بولغاچقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بەك نامرات، قىيىنچىلىق بەك ئېغىر، مەسىلىلەر بەك كۆپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەك تەس بولۇش ئەھۋالى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. دىققەت نۇقتىسىنى كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىيىتىدە ھوشيار تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇش ئارقىلىق كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

    كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىشتا جەزمەن كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز شارائىتى بىر قەدەر ناچار، ئاساسىي بىر قەدەر ئاجىز، نامراتلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلار ۋە ئامما بولۇپ، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ. كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش – قىلالماسلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىشتەك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگەندىلا قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، ‹‹بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز؛ كۆك نامراتلىشىپ كېتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنى توغرا تېپىپ چىقىپ، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قازىنىش بۇرچى، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە جاسارىتى، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە نامراتلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىد – ئارزۇلىرى ئالدىدا، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەيلى، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەلىبە قىلمىغۇچە توختاپ قالمايلى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى