ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

قانۇن ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەتكە تۈرتكە بولدى، ئىسلاھات ئەلرايىنى مايىل قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 02:39   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيە 18 –قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەرزىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2014 – يىلى ‹‹ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىگنالىنى ياڭراتتى.

    بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جايلار، تارماقلار مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزگەن زور بىر تۈركۈم ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرز – شىكايەت ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاساستا ئازىيىش، ئەرزىيەت تەرتىپى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

    ‹‹ئەرزىيەتتە ئاشكارا بولۇش›› قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش يولى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى ۋە قولايلاشتۇرۇلدى

    نەنجىڭ شەھىرى ئاھالىسى لى بوۋاي يېقىندا تور ئارقىلىق ئەرز قىلىپ، ئىشىكى ئالدىدىكى يولنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ، شۇ كۈنىلا ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ يول رېمونت قىلىندى. خىزمەتچىلەر قايتا ئەھۋال ئىگىلىگىلى بارغاندا، لى بوۋاي باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختاپ: خىزمەتنىڭ ھەربىر ھالقىسى توردا خاتىرىلىنىدىكەن، ھەممىنى ئېنىق كۆرەلەيدىكەنمەن، دېدى.

    نەنجىڭ شەھىرى ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئەرز – تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرى سىستېمىسى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھەللە ئىشلىرىنى قوللاش سىستېمىسىنى مەھەللە تېرمىنالىغا تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مەھەللىدىلا دەۋا تەلىپىنى بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    ‹‹ئالاقە تورى+››نىڭ تۈرتكىسىدە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ‹‹ئەرزىيەتتە ئاشكارا بولۇش›› قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئامما كۆرۈش، ئاڭلاش، ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

    ئەرز – شىكايەت قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش، ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىش، باھالاش بىر گەۋدە قىلىنغان ئەرزىيەت خىزمىتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئەرزىيەت تارمىقى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 36 ئورگىنى، شۇنداقلا نەچچە 10 مىڭ فۇنكسىيەلىك تارماق، يېزا – بازار، كوچا باشقارمىسى ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىلىپ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ توردا ئەرز – شىكايەت قىلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىپ، ئۈندىدار، يان تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىق ئەرز – شىكايەت سۇپىلىرى ئېچىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى ۋە قولايلاشتۇرۇلدى، تور ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق ۋاسىتىگە ئايلاندى.

    ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش جەريانى ۋە نەتىجىسى ئاشكارىلىنىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى باھالاش ھوقۇقى ئاممىغا بېرىلىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى؛ دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى ئامما باھالاشتا رازى بولمىغان نۇقتىلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىدا، مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىشىپ 13 تۈركۈم (قېتىم) نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلارنى پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش جەريانى ۋە نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، رايونلار، تارماقلارنىڭ زور تۈركۈم ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    ‹‹ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئەرز – شىكايەت ئىشلىرىنى بېجىرىش››تە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى، تاراتقۇلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، جامائەت ئەربابلىرى ئەرزىيەت تارماقلىرىغا تەكلىپ قىلىندى؛ دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئېچىلىپ، ئەرزىيەت ماتېرىياللىرى ۋە ئۇچۇرلىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ‹‹سىرلىق چۈمبىلى›› ئېچىۋېتىلىپ، يېڭى دەۋر ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىشەنچلىك ئوبرازى نامايان قىلىندى.

    ‹‹ئەرزىيەتتە مەسئۇلىيەتچان بولۇش›› ئارقىلىق مەسىلىلەر تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى

    جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرى ئاھالىسى لى XX بۇ يىل 5 – ئايدا قۇرۇلۇش پۇلى نېسى قېلىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىۋېدى، شۇ جايدىكى ئەرزىيەت تارماقلىرى بۇ مەسىلىنى ئەتىسىلا قانائەتلىنەرلىك ھەل قىلدى. لى XX مىننەتدارلىق بىلەن: ئەسلىدە سىناپ بېقىش خىيالى بىلەن ئەرز قىلغانىدىم، مەسىلىنىڭ بۇنچە تېز ھەل بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، دېدى.

    ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغاندىن بۇيان، جايلار ‹‹ئەرزىيەتتە مەسئۇلىيەتچان بولۇش›› ئارقىلىق مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەت ۋىنتىسىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، ئەرزىيەت خىزمىتىگە تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلدى.

    بىر تەرەپتىن، ئەرزىيەتنى تۇنجى قوبۇل قىلىش – بېجىرىش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئامما قانۇن بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە ئەرز قىلىشقا يېتەكلىنىپ، تەۋەلىك ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاشۇرۇلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ئەرز – شىكايەتنى قوبۇل قىلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە ھۆددىگە ئېلىش خىزمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار 2014 – يىلىدىن بۇيان 4 مىليون 738 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئەرز – شىكايەت قوبۇل قىلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، %95.6 شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، %90.9 ناھىيە، شەھەر، رايوندا بىرلەشمە ئەرز قوبۇل قىلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرى ئۆز جايىدىلا ھەل قىلىنغان.

    جايلار ئەرزىيەت خىزمىتىدە زىددىيەت گەۋدىلىك بولغان قىيىن دېلو، كونا دېلو، يىپ ئۇچى يوق دېلولارنى ھەل قىلىش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ى ئېتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، يىغىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان زور بىر تۈركۈم زىددىيەت، مەسىلە ۋە ئەرز – شىكايەتلەر ھەقىقىي ھەل قىلىندى.

    جايلار ئەرزىيەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش نىسبىتى، قەرەلىدە بېجىرىش نىسبىتى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى يادرو قىلغان باھالاش سىستېمىسىنى ئورناتتى. ‹‹ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغان بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

    ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئەرزىيەت›› بەرپا قىلىنىپ، ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداش قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلدى

    شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋتاڭ ناھىيەسىدىكى سۈن XX قاتارلىقلار ئىشچىلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىسىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كوللېكتىپ ئەرز سۇنغان، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرغان بولسىمۇ، مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىغان. 2016 – يىلى 1 – ئايدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ‹‹شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەرزىيەت نىزامى››دا ‹‹دەۋا بىلەن ئەرزىيەتنى ئايرىش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش›› پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت قانۇن ئاپپاراتى بۇنىڭغا ئاساسەن ئەھۋالنى قايتا تەكشۈرۈپ، سۈن XXنى ناھىيەلىك ئەمگەك كېسىم كومىتېتى ئارقىلىق ماجىرانى ھەل قىلىشقا يېتەكلىدى. سۈن XX خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بەختىمىزگە يارىشا ئۆلكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە ئەرزىمىزنى قوبۇل قىلىدىغان قانۇنىي يول ئايدىڭلاشتۇرۇلغاچقا، قان – تەرىمىز بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى ئوڭۇشلۇق قولغا ئالالىدۇق.

    ئەرزىيەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ. ئەرزىيەت ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئەرزىيەت رامكىسى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ئەرزىيەت يولى بارغانسېرى راۋانلاشتى.

    ئەرزىيەت بىلەن دەۋانى ئايرىش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ قانۇنغا، دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قوللاشقا ئېرىشتى؛ ئەرزىيەت تەلىپىنى قانۇن بويىچە تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەرزىيەت بىلەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم چىقىرىش، مەمۇرىي كېسىم چىقىرىش، ئەمگەكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن يوللار ئارقىلىق ئەرز – شىكايەتنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەركەزدىكى 37 مىنىستىرلىق، كومىتېت ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق ئەرز – شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىش تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئادۋوكاتلار ئەرزىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قىيىن، مۇرەككەپ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كەسىپ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ قانۇن خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، قانۇنىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ۋە ئەرزىيەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ‹‹ئەرزىيەت نىزامى››نى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر چوڭقۇر ئېنىقلاندى ۋە تۈزىتىلدى؛ ئەرزىيەت ئىشلىرى قانۇنىنى چىقىرىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە دەلىللەش خىزمىتى جىددىي ئىشلەندى، جايلار ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئائىت يەرلىك قائىدە – نىزاملارنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئەرزىيەت ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ... قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى تەدرىجىي شەكىللەندى.

    ئەرزىيەت خىزمىتى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا چېتىلىدۇ. تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن، ‹‹قارلىق چوققىدىكى يىقىلماس قارىغاي›› دەپ تەرىپلەنگەن يى شيەنشياۋ، پۇقرالار ئۈچۈن تىرىشىپ ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن گاۋ پىڭجېن، يوتا سۆڭەك بېشى كەم قانلىق سەۋەبىدىن نېكروزلانغان ئىككى پۇتىنى سۆرەپ، 90 مىڭ چاقىرىم تاغ يولىنى باسقان پەن چاڭفۇغىچە... ئەرزىيەت خىزمىتى ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتىدە بىر تۈركۈم ئەرزىيەت خىزمەتچىلىرى قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئۆلچەم، مەسئۇلىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا زور رول ئوينىدى.

    ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، ئەرزىيەت ئىسلاھاتىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تېخىمۇ راۋان، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئۈنۈملۈك ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقۇسى.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – ئىيۇل تېلېگراممىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى