ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولاردىن ھەقىقىي ساقلىنايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 06:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بەش تارماق بىرلىكتە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە چىقاردى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ شەكىللىنىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىش ئۈچۈن 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ‹‹جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى قەتئىي چىقىرىۋېتىشكە ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››نى ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە چىقىرىۋېتىش تەرتىپىنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، ئاقلاش، سوت قىلىش جەھەتلەردىن ئايدىڭلاشتۇردى.

    بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش ھەم باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق دەلىل – ئىسپات توپلاشنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك، ھەر قانداق كىشىنى گۇناھى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. دېلوغا ھۆكۈم قىلىشتا ئىسپاتقا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئېغىز ئىقرارىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.

    بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلانغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، شۇنداقلا گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

    بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولغان دېلو ياكى باشقا چوڭ جىنايەت دېلولىرىدا، سوراق قىلىش جەريانىنى ئۈن – سىنغا ئېلىش كېرەك. يەنى ئۈن – سىنغا ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ، بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاش كېرەك، تاللاپ لېنتىغا ئېلىشقا، كېسىپ ئۇلاشقا، قىسقارتىش – ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

    بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى تەھقىقلەش مەزگىلىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چوڭ دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سولاقخانىدا تۇرۇشلۇق تەپتىش خادىملىرى تەھقىقلەش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىپ، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ھەم تەڭ قەدەمدە ئۈن – سىنغا ئېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق ھەقىقەتەن قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقى بايقالسا، تەھقىقلەش ئورگانلىرى قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشى كېرەك، ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. تەھقىقلەش ئاخىرلاشقان دېلولاردا، تەھقىقلەش ئورگانلىرى دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ قانۇنلۇق توپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى قانۇن بويىچە چىقىرىۋېتىشى كېرەك. قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلار چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، دەلىل – ئىسپات يېتەرلىك بولمىسا، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇن ياردىمى ئادۋوكاتىنى بەلگىلەش كېرەك. قانۇن ياردىمى ئادۋوكاتى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارغا قانۇن ياردىمى بېرىپ، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات ئېلىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدىن ۋاكالىتەن ئەرز ۋە شىكايەت قىلسا بولىدۇ.

    بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىغا ئەيىبنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى يەتكۈزگەندە، ئۇلارغا قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشى كېرەك. جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش ئىلتىماسىنى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش مەزگىلىدە بايقالغان ئالاقىدار يىپ ئۇچى ۋە ماتېرىياللار بۇنىڭ سىرتىدا.

    ئەيىبلىگۈچى، جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوت ئېچىشتىن ئىلگىرىكى يىغىندا دەلىل – ئىسپات توپلاشنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكى جەھەتتە بىر پىكىرگە كېلەلمەي، خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل – ئىسپات توپلاشنىڭ قانۇنلۇقلۇقىدىن گۇمانلانسا، سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش جەريانىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. دەلىل – ئىسپات توپلاشنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلىش كېرەك. سوتتا دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىۋېتىش – چىقىرىۋەتمەسلىك قارار قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتنى جاكارلاشقا، يۈزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا قانۇن بويىچە چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋەتمىگەن بولسا، 2 – سوتتا قانۇن بويىچە چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىدە ‹‹جىنايەتنى توغرا جازالاش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەقسەت قىلىنىپ، تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، ئاقلاش، سوت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇلدى، بۇ، دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ دەلىل – ئىسپاتلارنى قەتئىي قانۇن بويىچە توپلاش، تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، پاكىتنى بېكىتىش ئوبيېكتىپ ھەقىقىي ئەھۋالغا، دېلو بېجىرىش نەتىجىسى سۇبيېكتىپ ئادىللىققا، دېلو بېجىرىش جەريانى تەرتىپ ئادىللىقىغا ئۇيغۇن بولغان قانۇن – تۈزۈم ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشنى تېخىمۇ ئېنىق، قېلىپلاشقان ئاساس، قوللانمىغا ئىگە قىلىدۇ.

    ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى